2015 - يىلىغا بارغاندا، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق، خاسلىقى روشەن، فۇنكسىيەلىرى يۈرۈشلەشكەن، ماس تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىنىدۇ؛ 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، كەسىپ رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
مۇخبىرلىرىمىز جاۋ شىنيۈ، كاڭ پىڭ، جاڭ جۇڭلياڭ خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن 30 - سېنتەبىر «قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى، دۆلىتىمىز مالىيە ياردىمى ۋە باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئون چوڭ تەدبىر ئارقىلىق، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
«پىكىر»دە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكى، پورت ۋە قاتناش تۈگۈنى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى ئالاقە يولىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا بىلەن بولغان قويۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆز ئارا پايدىلىنىپ، ئۆز ئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، «تاشقى جەھەتتە كىرگۈزۈپ، ئىچكى جەھەتتە ھەمكارلىشىش، شەرق بىلەن ھەمكارلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرققە چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق سۇپىسىنى ھازىرلاپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ «قۇرۇقلۇقتىن ئېچىۋېتىش» بىلەن «دېڭىزدىن ئېچىۋېتىش»كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، كەسىپلەرنى توپلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
»پىكىر«دە، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى قۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2015 - يىلىغا بارغاندا، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق، خاسلىقى روشەن، ئىقتىدارى يۈرۈشلەشكەن، ماس تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كەسىپ سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش؛ 2020 - يىلىغا بارغاندا، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، كەسىپ رىقابەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«پىكىر»دە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى مۇنداق بېكىتىلدى: بىر تۇتاش پىلانلاپ، دومىلىما تەرەققىي قىلىش؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش؛ فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماس تەرەققىي قىلىش؛ ئىچكى جەھەتتە كىرگۈزۈپ، تاشقى جەھەتتە ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش؛ بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش.
«پىكىر»دە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆلىمى 50 كىۋادرات كىلومېتىر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆلىمى 73 كىۋادرات كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلدى.
قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئون تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئاساسلىقى، 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىدىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يىلدا بەلگىلىك مىقداردا تولۇقلىما پۇل ئاجرىتىش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشىنى قوللاش؛ شەرتكە ئۇيغۇن كارخانىلارنىڭ ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن قەرز بېرىش، يەرلىك مالىيەدىن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت 2010 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان، تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر كاتولوگىدىكى كارخانىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت كىرىمىدىن باج تاپشۇرىدىغان يىلدىن باشلاپ بەش يىلغىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر قاتارلىق شەرتكە ئۇيغۇن كارخانىلارغا توك ئىشلىتىش، تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە باھا سىياسىتى بويىچە مەدەت بېرىدۇ.
«پىكىر»دە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى ئالاقىدار كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېتەكچى كاتولوگىدىكى ئىلھام بېرىلىدىغان تۈرلەر، ئىمپورت قىلىنغان دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ئۈسكۈنىلەر ۋە توختام بويىچە، ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىللە ئىمپورت قىلىنغان يانداش زاپچاسلاردىن بەلگىلىمە دائىرىسى ئىچىدە تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەلەپ قىلىندى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى تەسىس قىلىشقا مەدەت بېرىلدى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا شۆبە - تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلىندى. دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا پىلانلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقى كۈچەيتىلىپ، كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى.
«پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى تۈزۈلگەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يەر ئىشلىتىش پىلانى كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەركەز مەبلەغ سېلىپ، مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان، جۇڭگو - پاكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ پورتنىڭ تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى، شارائىتىنى ياخشىلاش تېزلىتىلىدۇ؛ چېگرا پورتلىرىدىكى تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ؛ غۇلجا، قەشقەر ئايروپورتلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. غۇلجا ئايروپورتى ۋە قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋاقتىدا ئېچىۋېتىلىدۇ.
كورىيەلىكلەر ئامرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ چېچىنى چۈشۈرۋەت...
دانىيەدىكى كونا ھەربىي لاگېردا پارتىلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەن...
ۋاشىنگىتوندىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى مەيدانىدا توقۇنۇ...
كېنىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن دۆلەت دەپنىس...
80 ياشقا كىرگەن شىۋىتسىيىلىك شائىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى...
ئامېرىكىدا بىر يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ پارتلاپ كەتت...