ئافغانىستاندا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

0 2011-10-18 11:39:04   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 17-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى رايوندا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى ئافغانىستاننىڭ ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ماشىنىسى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ۋەقەدە بىر نەپەر بالا پارتىلاپ ئۆلگەن.


       خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش خارەكتېرلىك ھۇجۇم شۇ يەر ۋاقتى 17-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 8:20 لەر ئەتىراپىدا (يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:50 تە) ئافغانىستاننىڭ فەرياب ئۆلكىسىنىڭ مەيمىنا دىگەن جايىدا يۈز بەرگەن. ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىر ماشىنىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئىچىدە  ئافغانىستان ئاخبارات ئىدارىسى تارماقلىرىدىن دۆلەت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فەرياب ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى بار ئىكەن.
     ساقچى تەرەپ باياناتچىسى مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فەرياب ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى ئىشقا كېتىۋاتقاندا، بىر بومبا تېڭىلغان مايكا كىيىۋالغان بىر ئادەم بومبىنى پارتىلاتقان. بۇ ۋەقەدە بىر نەپەر بالا ئۆلگەن، ئالتە نەپەر ئادەم يارلانغان. يارلانغانلارنىڭ ئچىدە دۆلەتلىك خەۋىپسىزلك كېڭىشىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بار ئىكەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博