ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قىسمى نەنگارخار قاتارلىق ئۆلكىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتتە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 49 ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قىسمى نەنگارخار، نۇرىستان، ھېلماند قاتارلىق 11 ئۆلكىدە ئېلىپ بارغان 15 قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتتە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 49 ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئافغانىستاننىڭ ئىككى ساقچىسى ھەرىكەتتە قۇربان بولدى، ئۇندىن باشقا ئىككى ساقچى يارلاندى.
قوراللىق توقۇنۇش ئافغانىستان پۇقرالىرىنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم ئۆمىكى 14-ئىيۇل ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئافغانىستانلىق جەمئىي 1462 پۇقرا تۈرلۈك قوراللىق توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە قازا قىلغان، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 15 پىرسەنت كۆپ ئىكەن.
جۇڭگو خەلقئارا تىك ئۇچار ئايروپىلان كۆرگەزمىسى تيەنجىن شەھ...
ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسىنىڭ كېسىلى تېخىمۇ نا...
قاپيۈرەك سەتەڭ نەچچە ئون مىڭ سۈۋەرەك بىلەن بىللە«دەپنە»قىل...
ئابباس خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بېرىپ تولۇق ئەزالىق سالاھىيىتى ...
ئەنگلىيەدە 16 كلوگرام كېلىدىغان گىگانت پىياز دۇنيا رېكورتى ي...