ئوباما بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىراقتىن پۈتۈنلەي ئەسكەر چىكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0 2011-10-24 09:47:17   خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     

       ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 21-ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىراقتى بارلىق قىسىملىرىنى چىكىندۈرىدىغانلىقىنى، مۇشۇنىڭ بىلەن توققۇز يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
      ئوباما شۇ كۈنى يەنى 21-ئۆكتەبىر ئىراننىڭ زۇڭلىسى مالىكى بىلەن  تېلېۋىزيە يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن بۇ قارارنى ئېلان قىلغان.
     ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئىراقتا تەخمىنەن 40 مىڭ ئادىمى بار ئىكەن. 2003-يىلدىن بويان 4400 نەپەردىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقتا ئۆلگەن.
       2008-يىلى ئامېرىكا ئىراق بىلەن تۈزۈگەن ھەربىي بازا قۇرۇش كىلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى 2011-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىراقتىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن. يېقىندىن  بويان ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش ۋاقتىنى  ئۇزارتىش توغرىسىدا ئىراق تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ كەلدى. ئامېرىكا بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىراقتا تۇرۇپ، ئىراق خەۋىپسىزلىك قىسىملىرىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن. ئىراق تەرەپ بولسا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشىغا قوشۇلىدىكەن. بىراق ئىراقتا داۋاملىق تۇرىدىغان بۇ ئەسكەرلەرگە قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنماسلىق ھوقوقىنى بېرىشنى رەت قىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博