ئوباما مارتىن لۇتېر كىن خاتىرە ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

0 2011-10-20 10:29:26   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى توسۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان سىياسىي رەقىبلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈن مارتىن لۇتېر كىن روھىدىن پايدىلاندى.
     يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك كەسكىن رىقابەتنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا، ئوباما مارتىن لۇتېر كىن خاتىرە ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا قويۇق سىياسىي تۈسكە ئىگە نۇتۇق بايان قىلدى، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە ۋاشىنگتوننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي قاتماللىقىنى ئاشكارا تەنقىد قىلدى. 
    ئۇ يەنە ئۆز ئىسلاھاتىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان قوللىغۇچىلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە دەۋەت قىلدى.
    پۇقرالار ھوقۇقى ھەرىكىتىدىكى مۇھىم ئەرباب مارتىن لۇتېر كىن ئۈچۈن يېڭىدىن ياسالغان توققۇز مېتىر ئېگىزلىكتىكى خاتىرە ھەيكەل ئالدىدا ئوباما: «ۋەزىيەت جاپالىق بولسىمۇ، بىزنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن. كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. كۆز ئالدىمىزدىكى ھەيكەل ئوبرازى بولغاچقىلا مۇشۇ نۇقتىنى بىلدىم»، دېدى.
  ئوباما كىننىڭ «ئەخلاق تەسەۋۋۇر كۈچى»نى مەدھىيەلەپ، قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان بۇ پۇقرالار ھوقۇقى ھەرىكىتى قەھرىمانىنىڭ جاپالىق كۈرەشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىلگىرىلەش، تەڭ باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلارنى ئەبلەخلەر دەپ تەسۋىرلىدى.
    ئۇ: 50 يىل ئىلگىرىكىگە، ئىنسانلار تارىخىدا تەكرار كۆرۈلگەنگە ئوخشاش ھوقۇقى، كۈچى بارلار دائىم ئىسلاھات قىلىمىز دەيدىغانلارنى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان ھەرقانداق خىرىس ئاقىلانىلىك ئەمەس، داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ دېيىشىدۇ، دېدى.
    يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتى خۇددى سىياسىي يىغىلىشقا ئوخشاپ قالدى، ئوبامادىن ئىلگىرى نۇتۇق بايان قىلغانلار كىنغا بولغان سېغىنىشىنى ھازىرقى ھەل قىلىش تەس بولۇۋاتقان سىياسىي قاتماللىق بىلەن بىرلەشتۈردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博