سادامنىڭ دارغا ئېسىلىش دېلوسىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار
[ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تور بېكىتى خەۋىرى ] سادامنىڭ دۇجائىل كەنتى دېلوسىغا دائىر مۇھىم ماتېرىياللار ۋە سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:
سوت 39 كۈن ئېچىلدى؛
سادام 12 قېتىم سوتقا چىقمىدى ياكى سادام سوتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
سوتتا 52 كىشى سادامنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى.
24 كىشى سوتقا چىقماي تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەردى.
بىر ئەيىبلىگۈچى سىن لېنتىسى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەردى.
56 كىشى سادامنى ئاقلاپ گۇۋاھلىق بەردى.
سوتتا ئىككى سودىيە ئالماشتى.
سوت جەريانىدا ئۈچ ئادۋوكات قەستكە ئۇچرىدى.
سادام سوتلانغان مەزگىلدە، ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مەلۇم قىلغان ئىراق ئىچى ۋە سىرتىدا 9000 نەچچە ئىراقلىق قازا قىلغان، لېكىن، ھازىرغىچە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات يوق؛
مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مۆلچەرىلىگەن، ئامانلىق ساقلاش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوت خىراجىتى نەچچە 10 مىليون دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.