جاللات ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك بىچارىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئادەم قېلىپىدىن چىققان

0 2011-10-19 10:39:03   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت» گېزىتى تور بېكىتى  خەۋىرى، غەززەدىكى بەزى دوختۇرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ قوراللىرى پەلەستىنلىكلەرگە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئازاب كەلتۈرگەن. بۇ بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىنتايىن ئېغىر كۆيۈك يارىسى ۋە ئىچكى جاراھەت قېپ قالغان. يېنىكلىرىنىڭ پۇت -قوللىرى كېسىۋېتىلگەن، ئېغىرلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇنداق ئەھۋال ئەڭ دەسلەپ بۇ يىل 7-ئايدا كۆرۈلگەن. شۇ چاغدا، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى ئىسرائىلىيىلىك بىر ئەسكەرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززەگە كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغىغان.
     دوختۇرلار مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئۇرۇشلاردا جاراھەتلەنگەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا  ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يارىدارلار ياكى ئۆلگەنلەرنىڭ بەدىنىدە ئوق پارچىسى يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىچكى ئەزالىرىدا « ئۇۋاق ماددىلار بار»دەك قىلىدۇ.
غەززەدىكى ھىفا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر جۈمە ساكائا مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن جەسەتلەر مۇكەممەل ئەمەس بىز ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا كۆيۈك يارىسى بارلىقىنى، ئەمما بەدىنىنىڭ سىرتىدا  ئۇششاق  ئوق پارچىلىرى بارلىقىنى بايقىدۇق. بىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، نۇرغۇن يارىدارنىڭ قورسىقىنى ئاچقىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا ئۇۋاق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق.»


   ساكائا مۇنداق دېدى: بىمارلارنىڭ يارا ئېغىزىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، رېنتگېن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگىنىمىزدە، ھېچنېمىنى بايقىمىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئوق پارچىسىنىڭ ئادەتتە بەدەننى تېشىپ كىرىپ، جاراھەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن، ھازىر بىز ئوق پارچىسى كۆرمىدۇق، پەقەت ئوق پەيدا قىلغان جاراھەتنىلا كۆردۇق.»
بۇ جاراھەتنى يېڭى قورالنىڭ پەيدا قىلغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى قورال ئامبىرىدىكى قورال تۈرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىشنى رەت قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博