جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-چېسلادىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 16-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە قىسىملىرى سومالى چېگرىسىغا 96 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان «ياشلار پارتىيە»سىگە ھۇجۇم قىلماقچىكەن. كېنىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ياشلار پارتىيىسىنىڭ كېنىيىدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى، ئەمما كېنىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى ھەربىيلەرنىڭ چېگرىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقلاشقان خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى لاس.كاپونىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: تەخمىنەن 400دەك كېنىيە ئەسكىرى جۈمە كۈنى(14-چېسلا) سومالى چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ، يەكشەنبە كۈنى (16-چېسلا) تۆۋەنكى جۇبا رايونىغا يېتىپ بېرىپ، سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېنىيە قىسىملىرى «ياشلار پارتىيىسى» كونتروللۇقىدىكى ئافماداۋ بازىرىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتىكەن.
سومالى ۋە كېنىيەنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى ۋە شۇنداقلا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، كېنىيە قىسىملىرى چېگرىدا يىغىلغاندىن كېيىن، ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا، سومالى چېگرىسىغا كىرىپ بولغان. كېنىيە بىلەن سومالى چېگرىسىدىكى كىچىك شەھەر لىبوئىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 16-چېسلا كەچتە، كېنىيەنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچارى شۇ جايدا چۈشۈپ كەتكەن.
شەرقىي ئافرىقا بىخەتەرلىكى ئورگىنىنىڭ باشلىقى جورج.ساتودىنىڭ ئېيتىشىچە، سومالى چېگرىسىنى تېز ئارىدا تاقىۋېتىدىكەن، كېنىيە قىسىملىرى بولسا «ياشلار پارتىيىسى» گە ھۇجۇم قوزغايدىكەن. «ياشلار پارتىيىسى» بولسا كېنىيە قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كېنىيە ئەسكەرلىرى قاپ يۈرەكلىك بىلەن ھۇجۇم قوزغايدىكەن، ئۇلارغا «ئوقنىڭ دەھشىتى»نى تېتىتىپ قويىمىز دېگەن. «ياشلار پارتىيىسى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شىك. تۇرجى مۇنداق دېگەن:« كېنىيە قوپاللىق بىلەن بىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىمىزغا بېسىپ كىردى. مەن كاپالەت بېرىمەنكى، ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئارقىغا قايتىشىدۇ. جەڭچىلىرىمىز ئۇلارغا ئوقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويىدۇ».
كېنىيە ئارمىيىسى سومالى چېگرىسىغا كىرىپ «دۈشمەن»گە زەربە ب...
ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو ئاۋىئاماتكىسىنىڭ تۇ...
سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ‹‹ئارام ئالما...
ماشىنا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەيداندا 15 ماشىنا ئارقا-...
100 ياشلىق بوۋاي مارافونچە يۈگۈرۈپ جىنس دۇنيا رېكورتى ياراتت...