دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ئۆي بازارغا سېلىندى

0 2011-10-20 10:17:52   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 18-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋىستىرالىيە ماشىنا ئۆي شىركىتىنىڭ يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا ئۆي eleMMent palazzo نى بازارغا سالغان بولۇپ،  بۇ ماشىنا ئۆينىڭ يەر ئاستى ئۆيى ۋە قاۋاقخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن.  بۇ ماشىنا ئۆيدە يەنە تېگىدىن ئىسسىيدىغان پارمۇ بار ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئالىي ماشىنا ئۆينىڭ دەسلەپكى باھاسى 1 مىلىيۇن 905 مىڭ فونىستىرلىڭ بولغان.
      بۇ ماشىنا ئۆي كەڭرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 40 ئىنگىلىز چىسى (يەنى تەخمىنە 12 مېتىر)، كەڭلىكى 40 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن. ماشىنىنىڭ ئىچىدە 40 سۇڭلۇق تېلېۋىزور قويغىلى بولىدىغان ياتاق، بىر تام ئوچاق، بىر ئالىي مۇنچا ۋە بىر قاۋاقخانا، بىر ئارام ئېلىش ئۆيى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ ئالىي ماشىنا ئۆينىڭ ئەسلىھەلىرىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بۇ ماشىنا ئۆيگە سىمسىز تور ئورنىتىلغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ سىرتىغا يەنە فلۇئورېسسېنسىيىلىك پىگمېنت سۈركەشكە بولىدىغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ كىچىسى بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدىكەن.
     بۇ ماشىنا ئۆينىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر يېرى شۇكى ماشىنا ئۆينىڭ ئىچىدىكى «ھاۋا بوشلۇقى ئارا ئېلىش ئۆيى» ئىكەن. بۇ يەردە سىز بېشىڭىزنى كۆتۈرسىڭىزلا ماشىنا ئۆينىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدىكەنسىز. بىر كونۇپكىنى باسسىڭىزلا ماشىنا ئىسىيدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، گەرچە بۇ ماشىنا ئۆي بەك چوڭ بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى بەك تېز ئىكەن. ئۇنىڭ ماتورى 510 ئات كۈچى ئىكەن. ماشىنا ئۆينىڭ ئەڭ چوڭ سۈرئىتى 150 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر