نىسسان ئاپتوموبىلى سېتىش شىركىتىنىڭ 2011–يىللىق 9 -قېتىملىق خەير–ساخاۋەت پائالىيىتى

0 2011-10-19 11:02:01   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇۋالماقتا 

‹‹ ئىللىقلىق بىلەن غايىمىزنى تاۋلاپ ، مېھرى-مۇھەببەت بىلەن سەپەرداش بولايلى ›› تېمىسىدىكى نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ‹‹ئىللىقلىق ئاتا قىلىش، مېھرى-شەپقەت ئىتتىپاقى ›› 2011–يىللىق 9-قېتىملىق خەير–ساخاۋەت پائالىيىتى 12-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزا چىلانباغ ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئۆتكۈزۈلدى .

   پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ھامىدىن ، نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ كورلا شەھىرى سېتىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى ما ۋېنچىڭ ، شۇنداقلا كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتناشتى .پائالىيەتتە نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتى كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ قارمىقىدىكى چىلانباغ ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا 80 مىڭ يۈەن نەق پۇل ، 15 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇ–ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ئىئانە قىلدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博