ئەنگىليە ئالىملىرى كېرەكسىز ئەينەكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى تېپىپ چىقتى

0 2011-10-11 11:33:20   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    لوندۇن 10-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلگىراممىسى،ئادەتتە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز ئەينەكلەر تاشلىۋتىلدىغان بۇلۇپ،بۇلار ئادەتتە ئەخلەت سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىندىكەن،ئەمما ئەنگىليە ئالىملىرنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغان نەزەر سالدىغان بولساق بىز تاشلىۋەتكەن كېرەكسىز ئەينەكنىڭ بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىكەنمىز،ئەگەر بىز بۇ ئەينەكلەر ئارقىلىق ئالاھىدە بىر خىل بۇيۇم ياسىساق كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا سۇنى تازلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلدىكەن.

      ئەنگىليە گېلىنج ئۈنۋېرسىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكىل يېڭى بىر قېتىملىق 《خەلىقئارالىق مۇھىت ۋە كېرەكسىز بۇيۇملارنى باشقۇرۇش ژورنىلى》 دا بۇ يېڭى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپتۇ.ئۇنىڭ دېيىشچە،نۇرغۇنلىغان ئەينەك پارچىلىرنى بىر يەرگە يىغىش ئارقىلىق سۇنى تازلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلدىغان بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە رەڭسىز ئەينەكنىڭ سۇ تازلاش رولى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن،ئەمما رەڭلىك ئەينەكنىڭ سۇ تازلاش رولى ناھايىتى ئاز بۇلۇپ،سۇنى تازلاش ئۈچۈن كەمدىن-كەم ئشلەتسە بۇلدىكەن.
    نىكىلنىڭ دېيىشچە،رەڭلىك ئەينەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونا ئەينەك پارچىلىرىنىڭ سۇ تازلاش رولى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن،ئۇ كېرەكسىز ئەينەك پارچىلىرى بىلەن تاش پارچىسى،ۋە ئادەتتىكى ناترى تۇزىنى ئارلاشتۇرۇپ ئاغىزى ئېتىك ھىم قاچىدا 100 گىرادۇسقىچە قىزدۇرۇش ئارقىلىق بىر خىل ئاق رەڭلىك كالتىسىسىمان ماددىغا ئېرىشكىلى بۇلدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.بۇ ئاق رەڭلىك كالتىسىسىمان ماددا بۇلغانغان سۇ تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال تۇزىنى ياخشى سۈمۈرۈشتەك ئالاھىدىلككە ئىگە بۇلۇپ،سۇنى تازلاش مەقسىتىگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگە ھالدا ئېرشكىلى بۇلدىكەن.
 نىكىلنىڭ قارىشچە،كېرەكسىز ئەينەكنى يىغۋېلىپ بۇ خىل پايدىلىنىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاسان ۋە قوللۇنىشچان بۇلۇپ ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بۇلىدىكەن، نىكىلدىن بۇرۇن ھېچكىم ئەينەك ئارقىلىق سۇ تازلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ باقمىغان ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博