جۇڭگودا مال باھاسى يۇقىرى بولۇشنىڭ ئۈچ سەۋەبى

0 2011-10-11 11:32:44   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 
 
    جۇڭگونىڭ مال باھا مەسىلىسى پەقەتلا ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەمەس، ئۆي باھاسىنى يۇقىرى بولۇشى سەۋەپ ئەمەس، بەلكى نەتىجە. مال باھاسى يۇقىرى بولۇشنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن مۇۋاپىق چارە قوللىنىلمىسا، ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا دېگەندەك ئىش كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندىكىسى جۇڭگودا مال باھاسى يۇقىرى بولۇشنىڭ ئۈچ تۈپ سەۋەبىدۇر.
بىرىنچى، تۆۋەن قوشۇلما قىممەت يارىتىدىغان سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىك. ياپونىيە، جۇڭگو تەيۋەن، سىنگاپور، كورىيە قاتارلىق «ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىھا»، ھەمدە ھىندىستاننىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى، دورىگەرلىك، باش ئىجراچى چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە مەھسۇلات چىقارغانلىقى، ئادەمنىڭ قىممىتى ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلاردا تولۇق نامايان قىلىنغانلىقىدىن بولغان. ئەمما جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ۋە رايونلارنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغىنى بولسا ئەزران ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكى، ئەرزان بايلىق ۋە ئەرزان مۇھىتقا تايىنىش ئارقىلىق رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئېرىشكەن تۆۋەن قوشۇلما قىممەتكە ئىگە، يۇقىرى سەرپىياتلىق مەھسۇلاتلار بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدەل قىلىنغان «قان ساتار ئىگىلىك» تۇر. «قان ساتار ئىگىلىك» ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مىقداردىكى پۇلغا پەقەت دۆلەتلا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان خەلق پۇلى دۆلەت ئىچىدىكى بازارغا ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىپ، خەلق پۇلىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى بارغانسېرى يامرىتىۋېتىدۇ.
    ئىككىنچى، مەبلەغ سېلىش تىپىدىكى ھۆكۈمەت مال باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆرلىتىپ، چىرىكلىشىش ۋە باي- نامراتلىق پەرقىنى ئەۋج ئالدۇرىۋەتتى. ئەسلىدە بىر يۈەنگە ياسىغىلى بولىدىغان مال بەش ياكى سەككىز يۈەنگە ئۆسۈپ كەتتى.
ئۈچىنچى، مەمۇرىي جەھەتتىن مونوپول قىلىش ۋە يۇقىرى باج مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى. 1994- يىلىدىن باشلاپ باج ئايرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بويان، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ھەر يىلى دېگۈدەك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولدى. 2009- يىلى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە سىرتقا قارىتا ئېكسپورتنىڭ تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كېتىشى ئىقتىسادقا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مالىيە كىرىمى يەنىلا %11.9 ئاشتى. نېفىت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىق خاراكتېرلىك كەسىپ ۋە تېلېگراف قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن مونوپول قىلىنىشى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سۈپىتى تۆۋەن، باھاسى يۇقىرى بولۇشقا سەۋەب بولدى. ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئېگىز- پەس بولۇشىغا قارىماي كۆپىيىۋېرىدىغان باجنى كارخانىلار ئىچكى قىسىمدا ھەزىم قىلالمىدى، گەرچە ئاز ساندىكى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئەمما زور كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى يوق ئىدى. كارخانىلار ئىچكى قىسىمدا ھەزىم قىلالماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان باج تەننەرخىنى سىرتقا يۈكلەپ قويماي ئامالى بولمىدى. سىرتقا يۈكلەپ قويۇشنىڭ بىردىنبىر يولى مال باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博