ۋەھشىي ئوغرى ئايال خوجايىنغا 60 نەچچە پىچاق ئۇرۇۋەتتى

02011-10-10 10:25:00   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    18ياشلىق ئەر  زېڭ ** ئۇيىدىن چىقىپ كېتىپ تورخانىدا كۈن ئۆتكۈزگىلى نەچچە كۈن بولدى ، پۇلى بۇلىغانلىقتىن يامان نىيەت پەيدا بولۇپ ئوغرىلىق قىلماقچى بولىدۇ ، ئويلىمىغان يەردىن ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى بايقاپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن زېڭ ** ئايال خوجايىنغا 60نەچچە قېتىم پىچاق تىقىۋېتىپ قېچىپ كېتىدۇ . زېڭ ** قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتىن ، ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا سوتلاندى .
     شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى ئەتراپىدا ، زېڭ * * پىتىراپ يۈرۈپ بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ ، ئۆيىنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى چوڭ ئىشىكىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ  ئەمدىلا بىناغا كىرىشىگە ئۆينىڭ ئايال خوجايىن ياڭ * * كۆرۈپ قالىدۇ . زېڭ * * كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچماقچى بۇلىغاندا ياڭ * * نىڭ توسۇپ تۈرۈۋېلىشىغا ئۇچرايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن تارتىپ سۆرىشىپ ئۇرۇشىدۇ ، ئارىلىقتا زېڭ * * يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان قەلەمتىراچنى ياڭ ** گە زەردە بىلەن بىر نەچچىنى سانجىيدۇ . ياڭ ** پىچاقنى تارتىۋېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇڭلار دەپ تولايدۇ ، زېڭ * * ئۇنىڭ تولىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆي ئىچىدىن بىر قىڭراقنى ئېلىپ چىقىپ ياڭ **نىڭ بېشىنى چاناپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ . ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن زېڭ * * 120 گە تېلېفون قىلىپ قۇيۇپ ، ئايالچە پلاش ۋە ئىشتاننى كىيىپ قېچىپ كېتىدۇ .
   جىددىي قۇتقۇزغۇچى خادىملار تېلېفوننى ئالغاندىن كىيىن يىتىپ كېلىپ ، قان ئىچىدە ياتقان ياڭ * * نى كۆرۈپ ، بەدىنىدىكى پىچاق ئىزىنىڭ 65 تىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ، كەلگەندە ياڭ **نىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ بۇلىغانلىقىنى بايقايدۇ . ساقچى دائىرىلىرى شۇ كۈنى دېلو سادىر بولغان جايغا يېقىن بىر تورخانىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە جىنايەت گۇماندارى زېڭ * * نى تۇتىدۇ .