بۇيىل ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىدىكى مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا دۆلەت يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويغان تۇنجى يىل.ئاپتونوم رايونىمىز ئاۋغۇستتا ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەرلەردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدا قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتىنى چوقۇم %100كە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالتاي ۋىلايىتى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 4807يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئاپتونوم رايون تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يېتىش ئۈچۈن، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ،قۇرۇلۇش يەر مەيدانى ۋە مەبلەغ توپلاشنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون كۆرسەتكەن نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
بىرىنچىدىن، ۋىلايەتلىك پارتكوم،مەمۇرىي مەھكىمە رەھبەرلىرى خىزمەتتە ئارقىدا قالغان ناھىيە (شەھەر) ۋە تارماقلارغا كۆپ قېتىم ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككىنچىدىن،ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش باشقارمىسى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ۋىلايەتلىك پارتكوم،مەمۇرىي مەھكىمىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرگە ئۆز ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، كېيىنكى خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ئۈچىنچىدىن،ۋىلايەتلىك پارتكوم،مەمۇرىي مەھكىمە خىزمەتنى كېچىكتۈرگەن قىسمەن ناھىيە (شەھەر) ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر بىلەن نۇقتىلىق سۆھبەتلەشتى. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى رەھبەرلەر خىزمەتتىكى قىيىن نۇقتا ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتكە سېلىش، ئۆزگەرتىش، ئىجرا قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
- 8 ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئالتاي ۋىلايىتى مەركەز كاپالەتلىك تۇرالغۇ قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن جەمئىي 115 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 5636يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدى.
پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 6 ناھىيە 1شەھەر ئىچىدە كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نىسبىتى 153 پىرسەنتكە،چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ 146پىرسەنتكە،جىمۇنەي ناھىيەسىنىڭ 127 پىرسەنتكە قابا ناھىيەسىنىڭ 124 پىرسەنتكە،بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ 122 پىرسەنتكە،بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ 105 پىرسەنتكە،ئالتاي شەھىرىنىڭ 101 پىرسەنتكە يەتكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ