جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگونىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئىشلىرى ئەلچىسى ۋاڭ چۈن 7-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ھەمدە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ۋاڭ چۈن تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 66-نۆۋەتلىك يىغىنى 1-كومىتېتىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىشى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ھەمدە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇساپىسى نۆۋەتتە مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر.
ۋاڭ چۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىرى تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم، تىنچ، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.