ەركىزى مېتورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ھاۋارايى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى 3 كۈن ئىچىدە، نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقى، شەرقىي شىمال قاتارلىق رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھاۋانى10℃قا يېقىن سوۋۇتۇۋىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ناشا» تەيفېڭ بورىنى جەنۇبىي جۇڭگونىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا تەدرىجىي يېقىنلىشىپ، بۇ جايلاردا نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان يامغۇرلۇق بوران ھاۋارايىنى پەيدا قىلىدىكەن.
بۇ يىلقى 17-نومۇرلۇق «ناشا» تەيفېڭ بورىنىنىڭ مەركىزى 28-چېسلا سائەت 5 تە خەينەن ئۆلكىسىدىكى ۋېنچۈەننىڭ شەرقىگە 800 كىلومېتىر كېلىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شەرقىي دېڭىز بۆلىكىدىكى سۈ يۈزىدە شەكىللەنگەن(شىمالىي كەڭلىك 17.4گرادوس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق118 گرادوس) بولۇپ، مەركىزى ئەتراپىنىڭ ئەڭ زور شامال كۈچى 13 بالغا(سېكونتىغا 40مېتىر تېزلىكتە)، مەركىزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى 960پاسكال يېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، «ناشا» سائىتىگە 20 كىلومتىرلىق سۈرئەت بىلەن سەل غەربكە مايىل شىمالغا قاراپ سۈرۈلۈۋاتقان، كۈچلۈكلىكى بارغانسېرى ئېشىپ، گۇاڭدوڭنىڭ غەربىي قىسمىدىن تەدرىجىي خەينەننىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىغا يېقىنلىشىۋاتقان بولۇپ، 29-چېسلا چۈشتىن كېيىندىن تا كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا، گۇاڭدوڭنىڭ ياڭ جىياڭدىن خەينەننىڭ لىڭشۈيگىچە بولغان دائىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقىدىكەن.
29-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ شەرقى، گۇاڭدوڭنىڭ جەنۇبى قاتارلىق دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا زور قارا يامغۇر ياغىدۇ. خەينەننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئالاھىدە زور قارا يامغۇر ياغىدۇ. يىغىندا يامغۇر مىقدارى ئادەتتىكى ئەھۋالدا 100-200 مىللىمېتىرغا، گۇاڭدوڭنىڭ شەرقىي جەنۇبى، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبى، خەينەننىڭ قىسمەن جايلىرىدا بولسا 300-400مىللىمېتىرغا يېتىدۇ؛ يۇقىرىدا ئېيتىلغان جايلارنىڭ زور كۆپ قىسىم جايلىرىدا 6-8بالغىچە شامال يانداش چىقىدۇ.
28-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە، بىر بۆلۈك نىسبەتەن سوغۇق بولغان ھاۋا ئېقىمى غەربتىن شەرققە سۈرۈلۈپ كېلىپ، خۇەيخې قاتارلىق شىمالىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 5 بالغا يېقىن قىيپاش شىمال شامىلىنى پەيدا قىلىدۇ، ھاۋانى بولسا 4-8℃قا يېقىن سوۋۇتىۋىتىدۇ. ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقى، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ ھاۋاسى بولسا℃10قا يېقىن تۆۋەنلەيدۇ. لياۋنىڭنىڭ شىمالى، خېبىينىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
كەلگۈسى 3 كۈندىكى ھاۋارايىنىڭ كونكىرت ئەھۋالى
28-سېنتەبىر سائەت 8دىن 29-سېنتەبىر سائەت 8 گىچە بولغان ئارىلىقتا، شەندوڭنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شىمالى، شەنشىنىڭ جەنۇبى، خۇبېينىڭ غەربىي شىمالى، گۇاڭدوڭنىڭ جەنۇبى، تەيۋەننىڭ شەرقى ۋە خەينەننىڭ شەرقى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر(20-40مىللىمېتىرغىچە)، تەيۋەننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر(50-80مىللىمېتىرغىچە) ياغىدۇ. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىمالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 4-6بالغىچە، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدا 6-8بالغىچە بوران چىقىدۇ؛ تەيۋەن بوغۇزىدا 6-7بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى؛ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بۆلىكىدە 8-10بالغىچە بوران چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى بوراننىڭ كۈچى 11-13بالغىچە يېتىدۇ. «ناشا»نىڭ مەركىزى بېسىپ ئۆتكەن دېڭىز تەۋەسىدە ئەڭ زور شامال كۈچى 12-14بالغىچە يېتىدۇ. جەنۇبىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدە 6-8بالغىچە بوران چىقىدۇ؛ تەيۋەننىڭ شىمال، جىڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى قاتارلىق جايلاردا 9-10 بال شامال چىقىپ تەدرىجىي كۈچىيىپ، 10-11بال بورانغا ئايلىنىدۇ.
30-سېنتەبىر سائەت 8دىن 1-ئۆكتەبىر سائەت 8-گىچە، چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر (20-40 مىللىمېتىرغىچە)، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبى، گۇاڭدوڭنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز بويلىرى قاتارلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بولسا قارا يامغۇر ياكى زور قارا يامغۇر(50-150 مىللىمېتىرغىچە)، خەينەننىڭ غەربىدىكى قىسمەن جايلاردا ئالاھىدە قارا يامغۇر(250-300 مىللىمېتىرغىچە) ياغىدۇ. شەرقى شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ شەرقى، خۇاڭخې-خۇەيخې، چاڭجىياڭ-خۇەيخې ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا 4-6 بالغىچە شامال، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا 6-8بالغىچە بوران چىقىدۇ؛ تەيۋەننىڭ شىمالى، جىڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شەرقىي دېڭىز بۆلىكىدە بولسا 8-10بالغىچە بوران چىقىدۇ، «ناشا»نىڭ مەركىزى بېسىپ ئۆتكەن دېڭىز تەۋەسىنىڭ شامال كۈچى 11-13 بالغا يېتىدۇ.