9 -ئاينىڭ 27-كۇنى ھىلارى بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاشىڭتون سوھبىتىدىن كېيىنكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا .
جۇڭگو ئاخبارات تورى نىڭ 28-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئامىركا دولەت كاتىپى ھىلارى بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پولتۇس سەيشەنبە كۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئامدىلا جاكارلىغان شەرقى يىروسالىمدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىگە ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى توختىتىش قارارىنى بىكار قىلىپ يەنە يېڭىدىن 1100يۇرۇش ئوي سالماقچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.ئامىركا بىلەن پورتۇگالىيە خەلقئارا جەمىيەتنى پەلەستىن بىلەن ئسرائىلىيەنىڭ بىر ئاي ئىچىدە سوھبەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشىگە ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ھىلارى سوھبەتنى قايتا باشلاش پىلانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەركىتى پەقەت قارشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ ،پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئىككىلىسى بۇنداق چەتكە قېقىش خارەكتىرلىك ھەركەتلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك دېدى.
ھىلارى پولتوس بىلەن بىرلىكتە ئوتكۇزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامىركىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئىسرائىيەنىڭ بۇ ھەركىتى ياخشى ئاقىۋەت پەيدا قىلمايدۇ دېدى.
ھىلارى يەنە ئۇزۇندىن بۇيان بىز ئىككى تەرەپنى ئورتاق ئىشەنچىنى توۋەنلىتىغان ھەركەتلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى،بولۇپمۇ ئېروسالىمدا قارشى تەرەپنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قويىدىغان ئەركەتلەردىن ساقلىنىش لازىم.
پورتۇگالىيە نوۋەتتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە دائىمىي ئەزا دولىتى،ۋاقتى 2يىل ،پورتۇگالىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىدىكى مەيدانى ناھايىتى مۇھىم دېيىشكە بولىدۇ.
پولتوس پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش ئىشىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قانداق بىلەت تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدى،ئەمما ئۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇرۇنراق سوھبەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى دېدى.
ئۇ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى 4تەرەپ گۇرۇپپىسى ئىپادە بىلدۇرگەندىن كېيىن يەنە ھازىر بىر مەسلىھەت يغىنى پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى،شۇڭا مۇشۇنداق ۋاقىتتا دۇشمەنلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى،ئۇنداق بولغان ئىكەن ،ئىسرائىللىيەنىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ بىر ئاقىلانە قارار ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
پولتوس شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناۋادا ئىككى تەرەپ بىۋاستە سوھبەتنى ئەسلىگە كەلتۇرسە پورتۇگالىيەنىڭ ب د ت دا پەلەستىننىڭ رەسمىي كوزەتكۇچىلىك دولەت بولۇپ ئوسۇشى ئۇچۇن قوللاش ئاۋازى بېرىدىغانلىقىنى دېدى.
ھىلارى يەنە ناۋادا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرا مەسىلىسىدە بىردەكلىككە كېلەلىسە ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيىنىڭ ياڭىدىن ئولتۇراق رايونى قۇرۇش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاش -تارتىشنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېدى.ئۇ يەنە ناۋادا سۆھبەت ئارقىلىق چىگرىنى بەلگىلىنىدىغان بولسا ئۇنداقتا نەگە ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنىڭ مەسىلە بولمايدىغانلىقىنى دېدى.ئەمما سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى سۆھبەتلەشكىسى يوق دەپ قاراۋاتىدۇ.