ئەنگىلىيە« كۈندىلىك پوچتا»خەۋېرى لوندوننىڭ غەربىدە تۇرىدىغان بىر ئائىلىلىك بېقىۋالغان مۈشۈكنىڭ بوغۇم ياللۇغى بولغاچقا ، باشقا مۈشۈكلەرگە ئوخشاش خالىغانچى ئىگىز يەرلەردىن سەكرەپ چۈشەلمەيدىكەن . شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن پائالىيەتلىرى تەسىرگە ئۇچرىغانىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ خوجايىنى مۈشۈكىگە بەكمۇ ئامراق بولغاچقا ئۆز قولى بىلەن مۈشۈكىنىڭ ئىگىزگە چىقىپ چۈشۈشىگە ئاسانلىق يارىتىدىغان ئايلانما شوتىنى ياساپ بەردى.
بۇ مۈشۈكنىڭ ئىسمى توم بولۇپ، بۇيىل 11 ياشقا كىرگەنىدى .بىراق ئۇ بوغۇم ياللۇقىغا گىرىپتار بولغاندىن بۇيان خوجايىنىنىڭ ئىككى يېرىم مېتىر كېلىدىغان بېغىنىڭ تېمىدىن سەكرەپ قوشنىسىنىڭ مۈشۈكى بىلەن ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالدى . بىر قېتىم بوۋېن تومنىڭ تامدىن ناھايىتى تەسلىكتە ئارتىلىپ قوشنا ھويلىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى . كەچتە توم يېنىپ كېلىپ تامدىن ئارتىلغىنىدا «پاق» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بوۋېن بۇ بۇ بىچارە جانىۋېرىغا شوتا ياساپ بېرىشنى قارار قىلدى.ئۇ قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا بېغىدىكى كېرەكسىز ياغاچتىن پايدىلىنىپ بىر كۈن ۋاقىت چىقىرىپ تومغا 12 قەۋەتلىك مەخسۇس پەلەمپەينى ياساپ بەردى. ئاندىن ئۇ پەلەمپەينىڭ بولغان - بولمىغانلىقىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن پەلەمپەينىڭ ھەربىر قەۋېتىگە يېمەكلىك قويۇپ تومنى ئالداپ چىقاردى . توم ھېچقانداق كۈچىمەيلا پەلەمپەيگە چىقىپ بوۋېننىڭ «سىنىقى«دىن غەلبىلىك ئۆتتى. ئۇ پەلەمپەي ياساپ بۇ ياشىنىپ قالغان مۈشۈكى ئۈچۈن ھەقىقەتەن چوڭ ساۋاب ئىشتىن بىرنى قىلدى.