جىكسوننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى لىنتىسى ئاشكارىلاندى

0 2011-09-29 10:06:48   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى مايكىل جىكسوننىڭ جەسەت سۇرىتىنى ئىلان قىلدى


   داڭلىق چولپان مايكىل جىكسوننىڭ خۇسۇسى دوختۇرى كاڭلادى مورى نىڭ بىخەستىلىك قاتللىق قىلىش دىلوسىغا 27-چىسلا لوس -ئانژىلىستا يەنە سوت ئاچقان .سوتتا تەپتىش ئەمەلدارى  مورىي ئۇنگە ئالغان جىكسوننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇنئالغۇ سوزىنى قويغان،بۇنىڭدا جىكسون بوش ئاۋازى ،ئاستا تەلەپپۇزى بىلەن ئوزىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇزىكا كېچىلىكى ئوتكۇزۇش  ئارزۇسى ھەققىدە سوزلىگەن،ئۇنئالغۇدىكى جىكسوننىڭ بوش ئاۋازى بولسا تەپتىش دائىرلىرىنىڭ مورىي ئېغىر سەۋەنلىك ئوتكۇزگەن دەپ ئەيىپلىشىدىكى  ئىسپاتى بولغان .
    بۇ سۆز مورنىڭ تىلىفونىدىن  كەلگەن بولۇپ مايكىل سوتتا «بىز چوقۇم بىر مەيدان قاتتىق ئېسىل نومۇر كورسىتىشمىز كىرەك ،بىز مەيداندىن ئايرىلغان چاغدا مېنىڭ ئۇلارنى ‹مەن ئورۇمدە بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ باھالىغۇدەك بىر نەرسىنى كورۇپ باقمىغان،بۇ بەك قالتىس بولدى،ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئارتىس ›دېگۇزگۇم بار››دىگەن،ئۇ يەنە ئوزىنىڭ بۇ كېچىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق پۇللىرىنى ئېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  بالىلار دوختۇرخانىسى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى دىگەن.
تەپتىش ئەمەلدارى بۇ لېنتىدا جېكسوننىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش ،ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تىنچلاندۇرۇش  دورىسىنى ئىچكەن،بۇ مورىينىڭ بۇ دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ئوكۇل سېلىپ قويغاندىن كېيىن باشقا مۇۋاپىق ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئىشلىتىپ مايكول دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى كۆزەتمىگەن ياكى باشقا دوختۇرلارغا جېكسوننىڭ دورا ئىستېمال قىلغان ئەھۋالىنى ئۇقتۇرمىغان ،شۇنىڭ ئۇچۇن  بىز مورىينى خىزمەتتە ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىپ جېكسوننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايمىز دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博