ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى بىرنۆۋەتلىك پارتكوم رەھبەرلىك ئاپپارات ىسايلاندى

0 2011-09-27 11:51:42   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 25 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. جۇ خەيلۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلدى. ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەستىقلاندى.

    يىغىندا، جۇ خەيلۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا، جارۇللا ھېسامىدىن، جياۋ يىمىن مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى. جياۋ يىمىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا، ۋېي شېڭجۈن، ساتتار ماھىر، لى جيەنجۇڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博