يەمەن زۇڭتۇڭى تەختنى دەرھال بوشاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0 2011-09-29 11:01:10   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

    يەمەن زۇڭتۇڭى ئەلى ئابدۇللا سالىھ بۈگۈن ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۆز قىلغاندا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ خادىنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش ھوقۇقىغا ھېلىھەم ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن باشقا جەھەتتىن يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    زۇڭتۇڭ سالىھ بۈگۈن كەچتە يەمەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا: دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ كېلىشتۈرۈش كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن «تىرىشىۋاتىمىز»، دېدى. بۇ كېلىشىم زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يول ھازىرلاپ بەردى.
    [ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى» گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋىرى] سالىھ ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان رىقابەتچىسىنى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى شۆبىسىنى قوللاش، قاتىللىق قىلىش ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق بىرقانچە تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىدى.
    سالىھ ئەمەلگە ئاشمىغان بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن قوشقا دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۆت ئايغا يېقىن داۋالىنىپ، 23-سېنتەبىر يەمەنگە قايتىپ كەلدى. بۈگۈن ئۇ تېلېۋىزوردا سۆز قىلغاندا سالامەتلىكى قارىماققا خېلى ياخشىدەك قىلاتتى. يەمەندە، سالىھ ئارمىيەسى ئۆكتىچىلەر ئارمىيەسى بىلەن قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئېتىرازچىلارنى ئوققا تۇتتى، زوراۋان توقۇنۇش كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى ھەم پايتەختتىن باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.
  پايتەخت سانائادا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئېتىرازچىلارغا راست ئوق ئىشلەتتى. جەمئىي 18 كىشى يارىلاندى، دوختۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.
   تەھلىلچى ئەرباب يەمەننىڭ ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە يۈزلىنىشىنىڭ «بازا» تەشكىلاتى شۆبە ئورگىنى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ قويۇشىدىن ھەم قىزىل دېڭىزدىكى نېفىت توشۇش لىنىيەسىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
   [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سانائا، 26-سېنتەبىر خەۋىرى] يەمەن قەبىلە رايونى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن كەلگەن خەۋەردە بۈگۈن مۇنداق دېيىلدى: ئۆكتىچىلەر قەبىلىسى قوراللىق كۈچلىرى تۈنۈگۈن كېچىدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ سانائانىڭ شىمالىدىكى بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىدى. توقۇنۇشتا زۇڭتۇڭ سالىھقا سادىق بىر گېنېرال قازا قىلدى، يەنە 30 ئوفىتسېر ئەسكەر تۇتقۇن قىلىندى.
    [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سانائا، 26-سېنتەبىر خەۋىرى] ئۆكتىچىلەر بۈگۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، زۇڭتۇڭ سالىھنىڭ دەرھال تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى، ھالبۇكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يارىلانغان بۇ رەھبەر بۇ ئىشنى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى بەلگىلەيدۇ، دېگەن ئىدى.
    10 مىڭغا يېقىن ئېتىرازچى ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەرلەردىن تەشكىللەنگەن، يەنە بىر قىسمى ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن، ئۇلار ھۆكۈمەتكە ئېتىراز بىلدۈرۈش مەركىزى بولغان ئىنقىلاب مەيدانىدىن يولغا چىقتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博