[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سانائا، 25-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ بۈگۈن نۇتۇق سۆزلەشتىن نەچچە سائەت ئىلگىرى نەچچە ئون مىڭ كىشى پايتەخت سانائا كوچىسىغا چىقىپ، سالىھنىڭ نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەۋپسىزلىك قىسىمى سالىھنى سوتلاشنى تەلەپ قىلغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرگە ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى پارتلىغاندىن بۇيان پايتەخت سانائا باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ قانلىق بىر ھەپتە بولدى. 170 دىن ئارتۇق كىشى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە قازا قىلدى، بۇلارنىڭ كۆپى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر.
ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، باشقىچە پىكىردىكى ھەربىيلەر، شۇنىڭدەك سالىھنى قوللايدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان قەبىلە قوراللىقلىرى يەنىلا سەنائا شەھىرىدە قوراللىنىپ تۇرغان بولۇپ، كىشىلەر سالىھ نۇتۇق سۆزلەشتىن ئىلگىرى يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
يەمەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقى ئىلگىرى سالىھنىڭ بۈگۈن «مۇھىم نۇتۇق» سۆزلەپ، 1962-يىلى 26-سېنتەبىر پارتلىغان ئىنقىلابنىڭ 49 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب د ت ، 24-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى. زۇڭتۇڭ سالىھ 23-سېنتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۈچ ئايلىق داۋالىشىنى تۈگىتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، يەمەندە نەچچە ئون كىشى قازا قىلدى.
ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە «زوۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى ھەم ئەڭ زور چەكتىكى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى نامايان قىلىش»نى مۇراجىئەت قىلدى.
باياناتتا: «بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دەرھال يەمەنلىكلەر رەھبەرلىك قىلغان كەڭ دائىرىلىك، تەرتىپلىك سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز»، دېيىلدى.
باياناتتا يەنە: خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر يەمەن ئىقتىسادى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ئېغىر دەرىجىدە يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇلار كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى، جۈملىدىن يەمەننىڭ بىر قىسىم رايونلىرى دۇچ كەلگەن «بازا» تەشكىلاتىدىن كەلگەن تەھدىتتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا، دېيىلدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ