كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا كورىيە ‹غەربى دېڭىز بېلىقچىلىقىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى›نىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ئۇرۇن 27-چېسلا كورىيىگە تەۋە ئىقتىسادى دېڭىز تەۋەسىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتتى دېگەن سەۋەب بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسىنى تۇتۇپ قالغان.
بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان بۇ بېلىقچىلىق كېمىسى جۇڭگونىڭ ئاقما تور بېلىقچىلىق كېمىسى ئىكەن.بۇ كېمە 27-چېسلا چىئونرا نامدو ئارىلى نىڭ غەربى شىمالىدىن 80كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدە‹‹قانۇنسىز بېلىق تۇتقان››ھەمدە ‹‹تۇتقان بېلىق مىقدارىنى مەلۇم قىلمىغان››بولۇپ كورىيىگە تەۋە ئىقتىسادى دېڭىز رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان.