ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 27-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ، ئېلىمىزدە دوستانە زىيارەتتە بولۇۋاتقان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى چوي يۇڭرىم بىلەن كۆرۈشتى .
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە ياخشى ئىلگىرلەشلەر بولدى ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئالاقىسى كۈچىيىپ ، ھەر ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز . جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ‹‹ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ،كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ، قوشنىلار ئارا دوستانە بولۇش ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ›› روھىغا ئاساسەن ، جۇڭگو -چاۋشيەن دوستلۇق ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش بىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنىمىز . بىز چاۋشيەن تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ئۆز ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، يېرىم ئارال ، شۇنداقلا شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ، تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ .
چوي يۇڭرىم مۇنداق دېدى : ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ غەمخورلۇقىدا ، چاۋشيەن-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . چاۋشيەن-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى . چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قولمۇ قول تۇتۇشۇپ ، ئورتاق تىرىشىپ ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق ۋە ھەمقارلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ .
چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە ، خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : سۆھبەت ئارقىلىق يېرىم ئارالغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تىنچ ھەل قىلىپ ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ، شۇنداقلا خەلقئارادىكى جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى . جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپنىڭ يېرىم ئارال ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ، تاشقى مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ ھەمدە چاۋشيەن تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .
چوي يۇڭرىم مۇنداق دېدى : يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچ ، مۇقىملىقىنى قوغداش چاۋشيەن تەرەپنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانى ، چاۋشيەن تەرەپ شەرتسىز ھالدا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .