جۇڭگۇ فىرانسىيەنىڭ W3C سۇنئىي ھەمراسىنى مۇۋەپپىقەتلىك قويۇپ بەردى

02011-10-08 09:41:23   جۇڭگۇ ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    

    7-ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى 16:21 ئۆتكەندە،جۇڭگۇنىڭ شىچاڭ سۇنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىدە<<ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇر乙 >>توشۇغۇچى راكىتاسى ئارقىلىق فىرانسىيە ياسىغانW3C ئالاقە سۇنئىي ھەمراھىنى غەلبىلىك ھالدا بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگۈزدى.   بۇ جۇڭگۇنىڭ تۈنجى قېتىم ياۋرۇپا سۇنئىي ھەمراسىنى قويۇپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى.
      راكىتاغا ئوت يېقىلىپ ھاۋاغا كۆتۇرۇلۇپ 26 مىنۇتتىن كېيىن،شىچاڭ سۇنئىي ھەمرا كۈزىتىش مەركىزى ئەۋەتكەن سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە،سۇنئىي ھەمرانىڭ راكىتادىن ئايرىلىشى نورمال بولۇپ،سۇنئىي ھەمرا  206 كىلومېتىرلىق يېقىن نوقتا ۋە 39مىڭ 973 كىلومېتىر يىراق نوقتىغا توغرا كىرگەن.26.1 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇق بولۇڭى ھاسىل قىلىپ يەر شارى بىلەن ماس قەدەمدە ئوربىتىنى ئايلانغان.قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى غەلبىلىك ئورۇندالغان.
      بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى جۇڭگۇ فىرانسىيە ئىككى تەرەپ 2008-يىلى ئىمزالىغان سۇنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مۇلازىمەت توختامىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،جۇڭگۇ ئالەم قاتنىشى پەن تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى قارمىقىدىقى ئۇزۇن سەپەر سانائەت باش شىركىتى،جۇڭگۇ توشۇغۇچى راكىتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى ۋە جۇڭگۇ سۇنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش ئۆلچەش سېستېمىسى مېنىستىرلىقى بىرلىكتە ئىجرا قىلغان.W3C سۇنئىي ھەمراسى فىرانسىيە تەيلىس ئالەينىيا ئالەم شىركىتىنىڭ ياۋرۇپا ئالاقە سۇنئىي ھەمرا شىركىتىگە تەتقىق قىلىپ ياساپ بەرگەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق رادىيۇ ئالاقە سۇنئىي ھەمراسى بولۇپ،سۈپىتى 5400 كىلوگرام،ئۆمىرى 15 يىل،رادىيۇ-تېلېۋېزىيە،كەڭ بەلباغ،كۆرۇنمە چاستوتا،سانلىق مەلۇمايلارنى يەتكۈزۈش،ئالاقە تورى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.