كۇبا رەھبىرى كاستىرو ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى ئەيىبلىدى

0 2011-10-02 11:34:11   ئىنتېرنېت   admin
T|T:خەت رەزمىرى

كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى فىدىل كاستىرو 29-سېنتەبىر مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما كۇبا ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بىلەن ئاتالمىش كۇبا ئىسلاھاتىنى چېتىۋالدى، كۇبا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئۆزگىرىش كۇبانىڭ ئۆزىنىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ ھەمدە بۇ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېدى.
ئوباما 28-چېسلا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ناۋادا كۇبا دېموكراتىيىلەش سىياسەت قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزگىرىش ياسىيالىسا ئامېرىكا ئاندىن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تەييارلىنىدۇ، ناۋادا بىز  ئاكتىپ ئۆزگىرىشنى كۆرەلىسەك  دەرھاللا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرىمىز دېگەن.
كاستىرو ئىنكاس قايتۇرۇپ كۇبا ئۆزگىرىش ياسايدۇ، ئەمما ئۆزگەرتىدىغىنى بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز، ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ئەمەس دېدى.
ئۇ يېزىپ ئامېرىكا كۇبانى قامال قىلىۋاتقىلى 50يىلدىن ئاشتى، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بۇنداق ئۇسۇل بىلەن كۇبانى خەلقىنى بويسۇندۇرغىلى، كۇبانى پارچىلىغىلى بولمايدۇ دېدى.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە 5نەپەر كۇبالىق جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلىنىپ 1998-تىلدىن تارتىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن قامىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىدى بولۇپمۇ بۇ 10-ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىدىغان لېنى گاڭسالېس دېدى.
بۇ بەش نەپەر كۇبالىق ئامېرىكىدا مۇددەتلىك مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لېنى گاڭسالېس ئەسلىدە بۇ 10-ئايدا مۆھلىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلەتتى، ئەمما ئامېرىكا تەپتىش مىنىستىرلىقى ئۇنى جازاسى توشقاندىن كېيىنمۇ يەنە ئامېرىكىدا 3يىل كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
بۇ ناھايىتى بىمەنە ۋە ئادىل بولمىغان ئۇسۇل دېدى كاستىرو ماقالىسىدە.
كاستىرو 2006-يىلى ئۈچەي ئاشقازىنىدىن قان چىققانلىقى ئۇچۇن ئوپېراتسىيىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە ئاستا-ئاستا جامائەتچىلىككە قايتا نامايان بولغان، ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن دائىم ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرغان. بۇ يىل 3-ئايدا كاستىرو ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن كۇبا كومپارتىيىسى مەركىزى  كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى قاتارلىق بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر