تۈركىيىنىڭ ساياھەت شەھىرى ئانتالىيادا پارتىلاش يۈز بەردى

0 2011-10-03 12:32:33   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

        تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 30-سىتنەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 30-سىنتەبىر تۈكىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت شەھىرى ئانتالىيادا، ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ پارتىلاشتا بىر نەپەر تۈركىيە ئەسكىرى يارلانغان. ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقۇچى بولسا ئۆلگەن.
     خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر نەپەر ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلغۇچى شۇ كۈنى ئانتالىيا شەھىرىدىكى تۈركىيە  ھەربىي باش شىتابىغا كىرمەكچى بولغان. بىراق شۇ يەدىكى قوغدىغۇچىلار ئۇنى توسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۇجۇم قىلغۇچى بەدىنىگە ئېلىۋالغان بومبىنى پارتىلىتىۋەتكەن.
      نۆۋەتتە بۇ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقۇچىنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرىلىۋېتىپتۇ.
        29-سىنتەبىر تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى كۇرت ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇراللىق كۈچلىرى تۈركىيىنىڭ جەنۇبىىدكى شىرنا ئۆلكىسىدە شۇ يەردىكى تۈركىيە خەۋىپسىزلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى نەپەر خەۋىپسىزلىك ئەسكىرى ئۆلگەن، ئۈچ ئادەم يارلانغان.
     يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بويان، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى كۇرت ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلىرى تۈركىيە چىگىرىسىدا دائىم دىگۈدەك تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ۋە ساقچىلرىىغا ھۇجۇم قىلغان. ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭغا نىسبەتەن تۈركىيە ھەبىت دائىرىلىرى ئىراق چىگىرىسى ئىچىدىكى كۇرت ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلىرىنى مەركەز قىلىپ ، ھاۋا ھۇجۇمىنى قوزغىغان.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر