جۇڭگو ساياھەتچىلىرى ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى

02011-10-10 10:11:22   يەر شارى تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

   ياپونىيە ياپون خاتىرىلىرى (Record Japan) تورىنىڭ 8- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9- ئايدا، جۇڭگو ساياھەتچىلىرى "يىنليەن كارتىسى" نى ئىشلىتىپ ياپونىيەدە قىلغان ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بەش مىليارد 500 مىليون يىن (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 450 مىليون يۈەن) غا يېتىپ، يەككە ئايلىق ئىستېمال سوممىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان؛ 2010- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بەش ئۈلۈش ئاشقان. گەرچە ياپونىيەگە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئېقىم مىقدارى تازا كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما غەربىي ياپونىيە رايونىنى ئاساسلىق ساياھەت نىشانىنى قىلغان جۇڭڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ۋە ئىستېمال سوممىسىدا زور دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

    ياپونىيەدە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، غەربىي ياپونىيە رايونىنىڭ يىنليەن كارتىسى ئىشلىتىش نىسبىتى پۈتۈن ياپونىيەنىڭ ئاران %30 ىنى ئىگىلەيتتى، 9- ئايغا كەلگەندە، بۇ نىسبەت بەش ئۈلۈشكە يەتتى. فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى بودوداۋەن تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى باجسىز پۇكەيدىكى 9- ئايلىق سېتىش سوممىسى تۇنجى قېتىم 2010- يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن ئېشىپ كەتتى. سودا ساراينىڭ خېرىدارلار ئەھۋالى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىستېمال سوممىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەب زور كۆلەمدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن بولغان. ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرى، ئالىي دەرىجەلىك قول سائىتى ۋە داڭلىق كىيىم- كېچەكلەرنى خېرىدار تالىشىپ سېتىۋالغان.

    ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش سوممىسى 30 مىڭ يىن (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 2500 يۈەن) بولغان. گەرچە ھازىر يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يىنليەن كارتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە راستچوت سوممىسى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال سوممىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولغان.

    ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەر سېلىش ۋەزىيىتىدە مۇنداق دېيىلدى: 8- ئايدا ياپونىيەگە ساياھەتكە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %40 ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما يىنليەن كارتىسى ئارقىلىق كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش ھالىتىدىن قارىغاندا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ياپونىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىش بازىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ياپونىيەدە يىنليەن كارتىسى ئىشلەتكىلى بولىدىغان دۇكانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا، يىنليەن كارتىسى ئارقىلىق راستچوت قىلىش سىستېمىسىنى كىرگۈزگەن دۇكانلارنىڭ سانى 60 مىڭغا يېتىپ، 2010- يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە، ياپونىيەدە زور يەر تەۋرەش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپەيدى. سۇمى مىتسۇئى بانكىسى (Sumitomo Mitsui Banking Corporation ) نىڭ كارتا بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا، يەرلىك تىجارەت دۇكانلىرى ۋە مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرى يىنليەن كارتىسى بىلەن راستچوت قىلىشقا يېڭىدىن قوشۇلۇش ۋەزىيىتى تولىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇۋېتىپتۇ.