روسىيە:ئارگىنتىنا جۇڭگۇدىن ھەربىي تىك ئۇچار سېتىۋېلىشنى ئەسلىگە كەلتۇرىدۇ

1 2011-10-11 11:09:42   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

    روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا ئارگىنتىنا دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقىدىكى خەۋەردار زاتنىڭ يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنۇلارنى ئاشكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى:روسىيەدىن ئېمپورت قىلىنغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارغا سېلىشتۇرغاندا جۇڭگۇدىن سېتۋېلىنغان مۇشۇ تۈردىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ كاپالەت سېستېمىسىغا قارىتا ئارگىنتىنا ھەربىي تەرەپنىڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز.چۈنكى ئارگىنتىنا ھەربىي تەرەپ بۇندىن ئىلگىرى ياۋرۇپا قىتئەسى ئىشلەپچىقارغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارغا قارىتا كاپالەت خارەكتىرلىك ئاساسى ئەسلىھە ئورۇنتۇپ كەلگەن،ئەمما جۇڭگۇ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ناھايتىمۇ مۇكەممەل.
    ئارگىنتىنا ھەربىي تەرەپتىكى زاتنىڭ كۆرسىتىشىچە،جۇڭگۇنىڭ تىك-11 تىپلىق بەلگىلىك ئۇچار ئايرۇپىلانى ئاساسلىقى ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش،رازۋىتكا قىلىش،ھوجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىكەن.
    روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دېدى:شۇنىڭ بىلەن بىرگە،جۇڭگۇنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى نۆۋەتتە ئارگىنتىنا دۆلەت مۇداپىئە قىسمى ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىق 3D ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان رادار سېستېمىسىنىڭ خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە يەنە قاتنىشىۋاتىدۇ.
    نۆۋەتتە خېرىدار چاقىرىش رىقابىتىگە ئامېرىكا،فىرانسىيە ۋە جۇڭگۇنىڭ 4 كارخانىسى قاتناشتى.بۇلار  ئامېرىكىنىڭ Tractel شىركىتى،فىرانسىيە ئامېرىكا مەبلەغ ھەمكارلىقىدىكى تەيلىس-تىخۇر سېستېمىسى شىركىتى قاتارلىق ئىككى شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دېدى:جۇڭگۇ ئىشلەپچىقارغان تىك-11 بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 2007-يىلى 7-ئايدا ئارگىنتىنادا تۈنجى قېتىم ئۇچۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن،گەرچە ئارگىنتىنا ھەربىي تەرەپ بىر يىلدىن كېيىن بۇ خىل تىپتىلى ئايرۇپىلاننى سېتىۋېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ،ئەمما ھازىر بۇ مەسىلىدە يەنىلا ئايرۇپىلان ئالماشتۇرۇش ئوتتۇرغا چىقتى.
    تىك-11 بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايرۇپىلان جۇڭگۇ چاڭخى ئايرۇپىلان سانائىتى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ،بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 ئادەمنى ئېلىپ ئۇچالايدۇ،ئۇزۇنلۇقى 13.012 مېتىر،ئېغىرلىقى 1253 كىلۇگرام،ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 2250 كىلوگرام،ئەڭ چوڭ چارلاش سۈرئىتى 278 كىلومېتىرسائەت،ئۇچۇش مۇساپىسى 652 كىلومېتىر،كۆتۇرۇلۇش چېكى 5280 مېتىر.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博