«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان سانىدىكى خەۋىرىدە: «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «كامبودژالىقلار جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى»، دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى، دېيىلدى. بۇ خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا شىركەتلىرى كامبودژا پايتەختى فىنومپېندا ئۆي-زېمىن تۈرىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك ئاھالىنى مەجبۇرىي كۆچۈرگەن. غەزەپلەنگەن نۇرغۇن ئاھالە بۇنى جۇڭگو شىركىتىدىن كۆرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىمىز، دەپ جار سالدى.
كامبودژا ھۆكۈمىتى 2006-يىلى ۋەنگۇ كۆلىنى تىندۇرۇپ، بۇ يەرنى فىنومپېن شەھىرىدىكى بەش كىچىك شەھەرنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. كىچىك شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەنگۇ كۆلى رايونى سودا، ئولتۇراق ئۆي، مەكتەپ، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال رايونغا ئايلىنىدۇ. كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن 2007-يىلى 1-ئايدا فىنومپېن شەھىرىنىڭ باشلىقىغا بۇ تۈرنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. فىنومپېن شەھىرى كامبودژانىڭ سۇكاكۇ شىركىتى بىلەن ئىجارىگە ئېلىپ ئېچىش توختامى ئىمزالىغان. ئىجارە مۇددىتى 99 يىل، ئىجارىگە ئالىدىغان كۆلەم 133 گېكتار، ھەربىر كىۋادرات مېتىر يەرنىڭ ئىجارە ھەققى 0.6 دوللار بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. سۇكاكۇ شىركىتى ئېچىش توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ھەمكارلىشىدىغان شېرىك ئىزدەپ بىرقانچە شىركەت بىلەن كېڭەشكەن، ئاخىرىدا سۇكاكۇ شىركىتى جۇڭگونىڭ ئىككى شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. جۇڭگو شىركىتى مەبلەغ چىقىرىشقا، سۇكاكۇ شىركىتى يەر بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ