لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قوراللىق كۈچلىرى سېرت شەھىرىنىڭ ئىككى مۇھىم ئورىنىنى كونترول قىلدى

0 2011-10-11 11:23:16   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

9-ئۆكتەبىر، لىۋىيە سېرت شەھىرىدە، لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىسى قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋاجدۇگو يىغىن مەركىزىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن غەلبىسىنى تەنتەنە قىلماقتا. لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرى «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى» قوراللىقلىرى 9-ئۆكتەبىر كازافىنىڭ يۇرتى سېرتقا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى ھەم سېرت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ۋاجدۇگو يىغىن مەركىزىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇننى كونترول قىلدى. «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى»نىڭ ھەربىي قوماندانى، ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قىسمىنىڭ نەچچە سائەت ئىچىدە سېرت شەھىرى مەركىزىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىن ئۈمىد بار، دېدى. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博