ئالجىرىيە كازافى ھاكىمىيىتى ئاخبارات ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ ئالجىرىيەگە كىرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

0 2011-10-08 10:13:51   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-ئۆكتەبىر كازافى ھاكىمىيىتى ئاخبارات ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ ئالجىرىيەگە كىرگەنلىكىنى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىنىڭ ھېچقانداق پاكىتى يوق دېگەن.
ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بىرانى: بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا قىلچە ئىككىلەنمەي ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدۇق، ناۋادا كازافى، ئۇنىڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام ۋە ئابدۇللا سەينۇش ئالجىرىيەگە كېلىپ پاناھلىنىدىغان بولسا، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قولغا ئالىدۇ دېدى.
ئالجىرىيە نەچچە كۈن ئاۋۋال كازافىنىڭ ئالجىرىيەدە ئىكەنلىكىدەك خەۋەرگە رەددىيە بەرگەن ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博