تۈركىيە ئۆزى ياسىغان تۇنجى ئۇرۇش پاراخوتىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

0 2011-10-09 11:41:31   شىنخۇا توى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
[ئامېرىكا «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتى خەۋىرى] تۈركىيە كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ياسالغان تۇنجى يېنىك تىپتىكى قوغدىغۇچى پاراخوت يېقىندا تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. مۇشۇنداق يەنە بىر يېنىك تىپتىكى قوغدىغۇچى پاراخوت ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۇغا چۈشۈرۈلدى.
     بۇ ھەرىكەت دەل تۈركىيە بىلەن ئۇنىڭ سابىق ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي رايونىدىكى جىددىي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.
     تۈركىيە ئۆزى ياسىغان «ھەيبەلى ئارىلى» ناملىق تۇنجى يېنىك تىپتىكى قوغدىغۇچى پاراخوت بىلەن «بۈيۈكادا»ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوت 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ يولغان قويغان «دۆلەت پاراخوتلىرى» تۈرىگە ئاساسەن ياسالغان. بۇ تۈردە، 12 چارلىغۇچى پاراخوت ۋە چۆكمە پاراخوتقا قارشى پاراخوت ياساش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ تۆتىنى مەجبۇرىي ياساش تەلەپ قىلىنغان. بۇ پاراخوتلار ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە دوست دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنماقچى ئىكەن.
   تۈركىيە كېمىسازلىق زاۋۇتى ئىلگىرى كىچىكرەك دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنىلا ياساپ باققان بولۇپ، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ياساپ باقمىغان.
     تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى زاكاز قىلىش ۋە سېتىۋېلىش ئىدارىسى: «دۆلەت پاراخوتلىرى» تۈرى بويىچە ياسالغان يېنىك تىپتىكى قوغدىغۇچى پاراخوتلار رازۋېدكا ۋە نازارەت قىلىش، نىشانلارنى كۆزىتىش ئۆلچەش، پەرقلەندۈرۈش ۋە بېكىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بازا ۋە دېڭىز بويىنى قوغداش، چۆكمە پاراخوتلارغا تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز ئۇرۇشى، ھاۋادىن مۇداپىئە ئۇرۇشى، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ھەرىكىتى ۋە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، دېدى.
  بۇ تۈر بويىچە ياسالغان بىر يېنىك تىپتىكى قوغدىغۇچى پاراخوت 10 توننىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. «ھەيبەلى ئارىلى» ناملىق پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 99 مېتىر بولۇپ، سۇ چىقىرىش مىقدارى 2300 توننىغا يېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博