تالىبانلار پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0 2011-10-24 09:59:33   خەلق تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن پاكىستان چىگىرىسى ئىچىدىكى تالىبانلارغا قارشى تازىلاش خارەكتېرلىك ھۇجۇم  ئېلىپ بېرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. باش شىتابى پاكىستاندا بولغان تالىبانلار بولسا، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى  ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
     ئەرەپ ئاخبارات قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش شىتابى پاكىستاندا بولغان تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى فازىلا 21-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:« پاكسىتان ھۆكۈمىتى بىز بىلەن چىن نىيىتىدىن تىنىچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى خالىمىدى. بىز ئىسلام قانۇنىنى  يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، بىز پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسىملىرىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەبىي ھەركەت قوزغاشنى قاراق قىلدۇق».
      خەۋەرلەردە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، فازىلانىڭ بۇ قارارى ۋە سۆزى  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارنىڭ تەلىپىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ۋە 21-كۈنى ھىلارى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى پاكىستان تەرەپنى تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەركەت قوللىنىشقا سۈيلەش ئىدى. ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ھەربىي دائىرىلىرىمۇ پاكىستانغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.
     خەۋەر قىلىنىشىچە، فازىلانىڭ باياناتچىسى ساراھشان مۇنداق دېگەن:«بىزنىڭ ئىتىقادىمىز ئۈچۈن، بىزنۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى قۇربان قىلدۇق. ئۆزلىرىمىزنىڭ يۇرت-ماكانلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئىسلام قانۇنىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز. ئامېرىكىنىڭ بېسىم كۈچى ئاستىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىزگە ھەربىي ھەركەت قوللانماقچى بولىۋاتىدۇ. بىز پاكىستان چىگىرىسىغا كىرىپ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ھەربي ھۇجۇم قوزغايمىز».
      خەۋەر قىلىنىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سىۋات جىلغىسى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم چىگىرا بولۇپ، بۇ يەر ئافغانىستانغا تۇتىشىدىكەن. بۇ رايوننىڭ يەر شەكلى بەك مۇرەككەپ ھەم خەتەرلىك ئىكەن. بۇ رايون ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ بازىسى ئىكەن. 2009-يىلدىن بويان پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، بۇ رايوندا ئىسلام قانۇنىنى يۈرۈزۈشكە قوشۇلۇش شەرتى بىلەن ئۇرۇش توختاتقان ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر