10 _ ئاينىڭ 28 _ كۈنى ، نۇرلۇق ئوت يالقۇنى ئامېرىكىنىڭ نىيويورك ئاسمىنىدا كۆككە كۆتۈرۈلدى . نىيويورك شەھىرى شۇ كۇنى داغدۇغۇلۇق مۇراسىم ئۆتكۈزدى ، ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى ياسالغانلقىنڭ 125 يىلىقىنى تەبىرىكلىدى . 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 125 كۆچمەن شۇ كۈنى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى ئاستىدا ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش ئۈچۈن قەسەم بەردى .نەچچە مىڭلىغان ئامما ئەركىنلىك ئىلاھى جايلاشقان ئەركىن ئارالدا تەبىرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ، نۇرۇنلىغان داڭلىق سەنئەتكارلار سەھنىدە ئېسىل نۇمۇرلارنى كۆرسەتتى ، قاتناۋاتقان پاراخوتلارمۇ ئەركىنلىك ئىلاھىغا ھۆرمەت بىلدۈردى ، نۇرلۇق ئوت يالقۇنى شۇ كۇنى نىيويورك ئاسمىنىدا كۆككە كۆتۈرۈلدى .