ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن دەمەشقتىكى باش ئەلچىسى روبېرت فوردنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: روبېرت فورد ئالدىنقى جۈمە كۈنى دەمەشقتىكى بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلغاندا، بەشىر ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنى قورشىۋېلىپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەتىسى(شەنبە) سۇرىيەدىن ئايرىلدى، دېدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، مۇشۇنداق قارار چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈنۈگۈن، دەمەشقمۇ ئوخشاش تەدبىر قوللانغاچقا، ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. چۈنكى، دەمەشقمۇ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى ئىماد مۇستافانى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سۇرىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى باش ئەلچىسى روبېرت فوردتىن بەك نارازى بولغان. چۈنكى، ئۇ نامايىش بولغان شەھەرلەرگە بېرىپ، نامايىشچىلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
دەمەشقتىكى بەزى ئۆكتىچىلەر: ۋاشىنگتوننىڭ سۇرىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتى «ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ قالدى، پات يېقىندا ۋەقە يۈز بېرىدۇ» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دېدى.
ئوباما ھۆكۈمىتى سۇرىيەدىن باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى ھەم: باش ئەلچى بەشىرگە قارشى پائالىيەتچىلەرنى قوللىغاچقا، خەتەر ئىچىدە قالدى، دېدى. بۇنى،ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ھازىرغىچە قوللانغان كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ھەرىكەت، دېيىشكە بولىدۇ.
سۇرىيە بۇنىڭغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۈگۈن ۋاشىنگتوندىن باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئامېرىكا سۇرىيەدىكى باش ئەلچىسى روبېرت فوردنى قايتۇرۇپ كېتىش سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بەشىر ھۆكۈمەتنى ئىسلاھ قىلالايدۇ ھەم ئوتتۇرا شەرق رايونى تىنچلىقىنى قوغداش جەھەتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ»، دەپ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ