ئامېرىكا شىركىتى جۇڭگوغا تېخنىكا ئوغرىلىدى تۆھمەت قىلدى

0 2011-10-28 10:22:24   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىككە باھا بېرىش كومىتېتى يېقىندا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئامېرىكا تېخنىكىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەھدىت، دېدى ھەم پارلامېنت ئەزالىرىغا جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ياساش كەسپىنىڭ مەخسۇس تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەتكە پۇل ئاجرىتىشنى ئويلىشۇپ كۆرۈش تەكلىپى بەردى.
ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىككە باھا بېرىش كومىتېتى پارلامېنتقا سۇنغان يىللىق دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ياساش كارخانىلىرى «جۇڭگونىڭ ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىنىڭ زەربىسىگە  بەكرەك ئۇچراۋاتىدۇ، بۇلار پۇلنى تىزگىنلەش ۋە جۇڭگونىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى ئېرىشكەن قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» ئوتتۇرا،كىچىك تىپتىكى ياساش كارخانىلىرى ئامېرىكىنى ياساش كەسپىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
   بۇ كومىتېت جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى جۇڭگوغا پايدىلىق «تامامەن تەڭپۇڭسىز» سودا مۇناسىۋىتى پەيدا قىلغان.
   بۇ كومىتېت دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ «ۋاقىت ۋە مەبلەغ سەرپ قىلماي تۇرۇپلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى»غا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئۇلارنى يېڭى تېخنىكىلارغا ئېرىشتۈردى. ئېيتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى يەنە جۇڭگو قوشۇنلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغىمۇ  تۈرتكە بولۇۋېتىپتۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博