
شىنخۇا ئاگېتلىقى، لوندون، 4 - ماي تېلېگراممىسى: ئەنگلىيىدىكى « تايمىس گېزىتى » تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىدە غالجىرلىشىپ كەتكەن پاكىستان تالىبانلىرى شۇ جايدىكى 2000 پۇقرانى تۇتقۇن قىلدى ھەمدە ئۇلارنى « قالقان » قىلىۋالدى، ئۇلار يەنە پۇقرالارنى بۇلاپ تالىدى، قىرغىنچىلىق قىلدى.
شۇ جايدىكى بىر پۇقرا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردە تۇتقۇن قىلىش ئادەتتىكى ئىش. تالىباننىڭ تولۇق قوراللانغان ئادەملىرى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ساقچىلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىدۇ، ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ.