
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 3 - ماي تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: لوس - ئانژېلىش ساقچىلىرى يېقىندا 72 ياشلىق نېگىر توماسنى « ئۆتكەن 20 يىلدا 30 ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن » دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالدى، ئۇنى بۇ شەھەر تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي قاتىل دېيىشكە بولىدۇ.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: توماس ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىلىرىدىلا ئاياللارنى باسقۇنچىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىشنى باشلىغانىكەن. ئۇ مەخسۇس تۆۋەن كىرىملىك، يالغۇز ئاق تەنلىك ئاياللارغا قول سالىدىكەن، شۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭغا « غەربىي رايوندىكى باسقۇنچى » دەپ ئات قويغانىكەن.