ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم گېزىتلەرنىڭ ئىشتىياقلىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ئېۋەنلەرگە ئىچىم پۇشقان ھەم بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلارنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانىدىم. بۇ ئېۋەنلەر تەكرارلىنىۋەرگەچكە، ئالاقىدار مۇھەررىر، تەرجىمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا، نەشر بۇيۇملىرىمىزدا ئانا تىلىمىزنىڭ توغرا، ساغلام ئىشلىتىلىشىگە پايدىسى بولار، دېگەن مەقسەتتە ئۇلارنىڭ گەۋدىلىكلىرىنى تۈر بويىچە جامائەتنىڭ ئېتىبارىغا سۇندۇم.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئۇيغۇر تىلىنى يېزىقتا توغرا خاتىرىلەش، تىلنىڭ ئالاقە قورالىلىق ئۈنۈمىنى يېزىقنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن قائىدىلەر سىستېمىسىدىن ئىبارەت. پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى توغرا ھەم چۈشىنىشلىك تەشۋىق قىلىشتا، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى توغرا تارقىتىشتا ئىملا قائىدىسىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل – يېزىق خىزمىتى نىزامى››نىڭ 28 – ماددىسىدا: ‹‹ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ تىل – يېزىق خىزمىتىگە ئاساسلىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەم ئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، سۆز – ئاتالغۇ، ئادەم ۋە يەر نامى قاتارلىقلارنى قوللىنىشى، تىل – يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى شەرت››دەپ كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقە قورالى قىلغۇچى بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر ، بولۇپمۇ نەشرىيات، تەھرىراتلار ھەمدە مۇھەررىر، تەرجىمانلار ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنىڭ قائىدە – پرىنسىپلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى لازىم. ھالبۇكى، ھازىر مەتبۇئات يۈزىدە بۇ تەلەپكە زىت ئەھۋال خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. گېزىتخانىلاردىكى بەزى خادىملاردا ‹‹گېزىتچىلىك ئالدىراش خىزمەت، ئۇنىڭ ۋاقىت تەلىپى كۈچلۈك، شۇڭا ئىملا ۋە باشقا خاتالىقلاردىن ساقلىنىش تەس›› دېگەندەك ئۆزىنى قاچۇرۇش خاھىشى بار ئىكەن. دەرۋەقە، گېزىتچىلىكنىڭ ئالدىراش ئىشلىنىدىغانلىقى، شۇ ئالدىراشچىلىقتا بەزى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىغا قويۇلماي قېلىشى، بەزى ھەرپلەرنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىنى سېزىۋېلىش بەزىدە مۇمكىن بولماي قالىدىغانلىقى راست. ئەمما ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ، ھەرقانداقلىكى ئىملا ۋە باشقا خاتالىقتىن ساقلىنىش تەس ياكى مۇمكىن ئەمەس، دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش ئەقىلگە سىغمىسا كېرەك. شۇنداق ئىكەن، ساقلىنىش تامامەن مۇمكىن بولىدىغان گەۋدىلىك ئىملا خاتالىرى ۋە ناتوغرا ئىشلىتىلگەن سۆزلەردىن مىساللار كەلتۈرىمەن:
1. ئىملا قائىدىسىگە زىت مىساللار: ئۇيغۇر تىلىدا ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك ئاددىي تۈرىنىڭ تەۋەلىك قوشۇمچىسى‹‹...ىىڭلار››، ‹‹...ۇڭلار›› ۋە ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى ‹‹ى›› نى تەۋەلەنگۈچىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ياكى ئۆزەكلەرگە ئۇلاپ ۋە يانداپ يېزىش ئومۇمىي قائىدىلەرنىڭ بىرى. بۇ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشكە باي ئۇيغۇر تىلىغا خاس ئالاھىدىلىك. لېكىن ھازىر بۇ قائىدىنى بۇزۇپ ياكى خەنزۇ تىلىنىڭ شەكلىنى ئۆلۈك دوراپ، يۇقىرىقىدەك تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنى قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن تۈپ سۆز ۋە ئۆزەكلەردىن ئايرىپ يازىدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ قالدى. مەسىلەن: 1) ‹‹ئاساس سېلىپ ئەتىگە ئىلگىرىلەڭلار پەللىگە، مەھكەم بولسۇن<ئۇل>ۇڭلار بەردەم تۇرۇپ كېلىڭلار›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 2) ‹‹...ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى سىلەرنىڭ <دۈشمەن>ىڭلارمۇ؟›› ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن؛ 3) ‹‹يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى ۋەكىللىرىنىڭ <تەيۋەننىڭ ... ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا كىرىشىنى قوللاش>ى توغرىسىدىكى تەلىپى... تاشلىنىپ قالدى›› ‹‹پايدىلىنىش خەۋەرلىرى››دىن؛ 4) ‹‹...ئېغىل، قوتان، كەپتەرخانىلىرى <ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن> لىك <گۇناھ>ى ئۈچۈن تۈزلىتىۋېتىلدى›› ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››دىن. دېمەك، تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۆزى ئۇلىنىدىغان تۈپ سۆز ۋە ئۆزەكلەردىن ئايرىپ يېزىلىشى تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىگە، جۈملىدىن تۈرلىنىش قائىدىسى ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قائىدىسىگىمۇ خىلاپ.
2. خاتا يېزىلغان ۋە جايىدا ئىشلىتىلمىگەن سۆزلەردىن مىساللار: 1) ‹‹مۇددىئا››نى ‹‹مۇددا›› قىلىپ يېزىش. ‹‹...
ئامېرىكا قوللىنىۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ كەينىدە پەقەت رايون ئىستراتېگىيىسى بىلەن رايون ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداشتىن باشقا مۇددا يوق›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 2) ‹‹شوۋىگۈرۈچ››نى ‹‹شورىگۈرۈچ›› يېزىش. ‹‹... ناشتىلىق شورىگۈرۈچ بىلەن ھورنان ئىكەن...›› ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن؛ 3) ‹‹ئاۋانگارت››نى ‹‹ئاۋانگىرات›› يېزىش. ‹‹...ئۇ(پېرىيىن) جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۆزىنى... پاك – پاكىز ئاۋانگىرات قىلىپ سۈپەتلىدى›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› دىن؛ 4) ‹‹لايىھە››نى ‹‹لاھىيە›› قىلىۋېتىش. ‹‹... ئۇنى لاھىيە سۈپىتىدە تاپشۇرۇۋەتتۇق، دەپتۇ ساۋاقداشلىرى›› ‹‹شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى››دىن؛ 5) ‹‹دېمۇكرات››سۆزى ‹‹دېموكراتچى›› قىلىۋېتىلگەن. ‹‹... دېموكراتچى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سەكتە بولۇپ قالدى›› ‹‹پايدىلىنىش خەۋەرلىرى››دىن؛ 6) ‹‹چاڭقاش›› سۆزى ‹‹چالقاش›› يېزىلغان (چالقاش مەينەتچىلىك مەنىسىدىكى سۆز ئىدى). ‹‹...بوخەي قولتۇقىدا چوڭ نېفىتلىكنىڭ تېپىلغانلىقى <چالقىغاندا سۇ بەرگەن>دەك ئىش بولدى...›› ‹‹پايدىلىنىش خەۋەرلىرى››دىن؛ 7) ‹‹ئاككۇمۇلياتور›› ‹‹ئاكليۇماتور›› قىلىپ يېزىلغان. ‹‹...جاۋابكار ئالىم... يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئاكليۇماتورىنى ئوغرىلاپ سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 8) ‹‹رەۋەن›› دېگەن تېبابەت دورىسى‹‹رەۋەندە››(ئاشلىق سودىگىرى) قىلىۋېتىلگەن. ‹‹... ھېلىلە... قارىغۇنلار بىلەن رەۋەندىنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ كومىلاچ قىلىپ يۇتسا، مېڭىنى تازىلايدۇ›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 9) ‹‹ئاكتىپ›› دېگەن سۈپەت سۆزىگە ‹‹ىچان›› دېگەن سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە ئورۇنسىز قوشۇلۇپ‹‹ئاكتىپچانلىقىنى›› قىلىنغان. ‹‹... پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن، (‹‹ئاكتىپ›› دېگەن سۈپەتنى ئىسىمغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە ‹‹لىق›› نى قوشۇپ ‹‹ئاكتىپلىق›› دېيىلسىلا بولاتتى)؛ 10) ‹‹چىن پۈتمەك›› دېگەن سۆز ‹‹چىن پۈكمەك›› قىلىۋېتىلگەن. ‹‹... ئۇ سۇن چىنلياڭنىڭ بۇ بىر خاتا سەزگۈ، دېگەن سۆزىگە چىن پۈككەنمۇ بولار ئىدى...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 11) ‹‹جانلىقلار دۇنياسى›› دېيىشكە تېگىشلىك سۆز ‹‹بىئو دۇنيا›› دېيىلگەن. ‹‹... سەرخىللارمۇ ئالدى بىلەن بىئو دۇنيانىڭ يارالمىسى›› ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››دىن؛ 12) ‹‹رادىئوئاكتىپ›› دېگەن سۆز ‹‹رادىئاكتىپ›› دەپ ئورۇنسىز قىسقارتىلغان.‹‹... يەر شارىدا يۈزلىگەن <چېرىف بىل يادرو ئېقىپ كېتىش ئاپىتى> يۈز بېرىپ، زور مىقداردىكى رادىئاكتىپ ماددىلار ھاۋا... ۋە دېڭىز – ئوكيانلارغا تارايدىكەن›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 13) ‹‹قۇرب›› دېگەن سۆز ‹‹قۇربەت›› دېيىلگەن. ‹‹ كارزايى ‹‹چەت ئەل ئايروپىلانلىرىنى توسۇپ قېلىشقا قۇربىتىمىز يەتمەيۋاتىدۇ...›› ‹‹پايدىلىنىش خەۋەرلىرى››دىن؛ 14) ‹‹نانومېتىر تېخنىكىسى›› نامى تېخنىكىسى›› دەپ ئېلىنغان. ‹‹... نامى تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قورال...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن؛ 15) ‹‹ماسسا›› دېيىشكە تېگىشلىك جايغا ‹‹سۈپەت›› دېيىلگەن. ‹‹...ئەگەر ھازىرقى يۇلتۇزلار بەلبېغىدىكى بارلىق يۇلتۇز بىرلەشتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ پەقەتلا كىچىككىنە جىسىم بولۇپ قالىدۇ، خالاس. ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ يەر شارى سۈپىتىنىڭ مىڭىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ (بۇ يەردە جۈملىدىكى مەنتىقىي كېسەللىك ساقىت قىلىندى) ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن؛ 16) ئاناتومىيە ئاتالغۇسى بولغان ‹‹توقۇلما›› دېگەن سۆز ‹‹تەشكىلات›› دەپ ئىشلىتىلگەن. ‹‹...ئاغرىقنىڭ ئىلىكى، قان سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا ئەزالار تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايانكى،...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› دىن؛ 17) ‹‹مۇدىرىيەت›› دېگەن سۆز ‹‹مۇدېراتلار›› دەپ ئېلىنغان. ‹‹... فۇتيەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش لۇشەنىدە <مۇدېراتلار>نىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ...›› ‹‹پايدىلىنىش خەۋەرلىرى››دىن.
3. بىر قىسىم خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى ئېۋەنلەر:1 ) 治法—‹‹قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش›› مەنىسىدىكى بۇ سۆز بەزى گېزىتلەردە ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش›› دەپ تەرجىمە قىلىندى. مەسىلەن: ‹‹دۆلىتىمىز قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت››، ‹‹ئىناق جەمئىيەت ئالدى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت›› ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن؛ ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتونوم رايوننى قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى...›› ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن؛ ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ تورى›› ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دىن؛ ‹‹مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت ۋە ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك مېخانىزمىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بىر جەريان كېرەك›› ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دىن. ھالبۇكى، ‹‹ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى›› نىڭ 297 – بېتىدە ‹‹治法 ›› دېگەن سۆزگە ‹‹家国理治律法据根 ›› دۆلەتنى قانۇنغا ئاساسەن(قانۇن بويىچە) ئىدارە قىلىش، دەپ تەبىر بېرىلگەن. چەت ئەل تىللىرى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەشرىياتى 2002 – يىلى 8 – ئايدا نەشر قىلغان ‹‹ھازىرقى زامان خەنزۇچە – رۇسچە لۇغەت›› نىڭ 200 – بېتىدە ‹‹治法 ›› روسچىغا ‹‹قانۇن بىلەن (قانۇنغا ئاساسلىنىپ)ئىدارە قىلىش››، دەپ تەرجىمە قىلىنغان. شۇنداق ئىكەن، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بەش مىسالدىكى ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش››دېگەن سۆز بىرىكمىسى‹‹قانۇن ئارقىلىق(قانۇن بىلەن، قانۇن بويىچە)ئىدارە قىلىش›› دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولىدۇ. 2 ) 关机法执政行 دېگەن سۆز بىرىكمىسى ‹‹قانۇننى مەمۇرىي ئىجرا قىلىش ئىدارىسى›› دەپ تەرجىمە قىلىنغان‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن. رۇس تىلى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ سۆز بىرىكمىسىنى رۇسچىدا ‹‹قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان، مەمۇرىي –– قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ياكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگان››دەپ ئىپادىلىگەن3. )性动主 تەشەببۇسكارلىق مەنىسىدىكى بۇ سۆز‹‹سۇبيېكتىپ ھەرىكەتچانلىق›› دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: ‹‹كۆپچىلىكنىڭ سۇبيېكتىپ ھەرىكەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن4. ) 袱包任责 دېگەن سۆز بىرىكمىسى ‹‹مەسئۇلىيەت بوخچىسى›› دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: ‹‹كادىرلار مەسئۇلىيەت بوخچىسىنى يۈدۈپ مەھەللىلەرگە كىردى››. ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. خەنزۇچە 袱包 دېگەن سۆزنىڭ ‹‹بوخچا››، ‹‹بوپا›› دېگەن لۇغەت مەنىسىدىن باشقا ‹‹يۈك››، ‹‹ئېغىرلىق››دېگەندەك ئىستېمال مەنىلىرىمۇ بار. مەسئۇلىيەت ئابستراكت ئىسىم. ئۇ ‹‹بوخچا›› ياكى ‹‹بوپا››غا قاچىلاشقا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹مەسئۇلىيەت بوخچىسى›› دېيىش تىلىمىزنىڭ سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈش ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. يۇقىرىدىكى جۈملە ‹‹كادىرلار زور مەسئۇلىيەت بىلەن مەھەللىلەرگە باردى››دېيىلسە، مەنە توغرا ئىپادىلەنگەن بولاتتى5. )煽文 دېگەن سۆز ‹‹مەدەنىي قۇتراتقۇلۇق›› دەپ تەرجىمە قىلىنغان. يەنى‹‹<ئۈچ خىل كۈچ>... يەنە بىر تەرەپتىن چېگرا ئىچىدىكى <مەدەنىي قۇتراتقۇلۇق>سالمىقىنى زورايتىپ...››دېيىلگەن، ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دىن. بۇ سۆزدىكى‹‹文›› ‹‹مەدەنىي››دېگەن مەنىنى ئەمەس، بەلكى قەلەم ئارقىلىق، تەتۈر تەشۋىق ۋە تەشەببۇسلار ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. 6)法断垄反 دېگەن سۆز بىرىكمىسى ‹‹قارشى مونوپول قانۇنى››دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دىن. بۇ تەنقىدكە قارشى تەنقىد، دېگەنگە ئوخشايدىغان سۆز ئەمەس، شۇڭا ئۇ ‹‹مونوپولىيىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى›› دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. 7) 题问性向倾 دېگەن سۆز بىرىكمىسى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ‹‹مايىللىشىش ھالىتىدىكى مەسىلە›› دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ‹‹خاھىش›› ياكى‹‹ئېغىش››قا ياتىدىغان مەسىلە، دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. 8) 解分任责 دېگەن سۆز بىرىكمىسى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ‹‹مەسئۇلىيەتنى ئايرىباشلاش››دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ‹‹ئايرىباشلاش›› ئىملا قائىدىسىدە ‹‹ئايرىۋاشلاش››دەپ يېزىلىدۇ. ئۇ ‹‹ئالماشتۇرماق››، ‹‹تېگىشمەك›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز بىرىكمىسى ‹‹مەسئۇلىيەتنى ئايرىش›› دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 9) 绕围紧紧 دېگەن سۆز بىرىكمىسى ‹‹زىچ چۆرىدەپ›› دەپ ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنماقتا. مەسىلەن: ‹‹پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ...›› ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دىن، ‹‹ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ...›› ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دىن. 绕围 نى‹‹چۆرىدەش›› دەپ بىر قېلىپتا تەرجىمە قىلماي، جۈملىدە كېلىش ئورنىغا قاراپ ‹‹...نى ئاساس قىلىش، ...نى مەركەز قىلىش...قا ياندىشىپ (ياكى يانداشتۇرۇپ) دەپمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ سۆزگە ‹‹ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى›› نىڭ 1193 – بېتىدە ئىككى خىل مەنىدە تەبىر بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئىككىنچىسىدە: 心中为情事或题问个某以 (بىرەر مەسىلە ياكى ئىشنى مەركەز، ئاساس قىلىش) دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹زىچ›› دېگەن سۈپەت سۆز بىلەن ‹‹چۆرىدەش›› دېگەن پېئىل بىرىكتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە‹‹يېقىن چۆرىدەش›› دېگەن تۈزۈك. 10)发出 ۋە 点发出 دېگەن سۆزلەر خەتكە قاراپلا ‹‹چىقىش قىلماق››، ‹‹چىقىش نۇقتىسى››دەپ ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىش پرىنسىپى....›› ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دىن، ‹‹...ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش...›› ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دىن، ‹‹ئاز ساندىكى بايلارنىڭلا مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىدىغان تۈزۈم مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. جانلىق تىلىمىزدا ‹‹چىقىش قىلماق›› دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پۇل چىقىرىشىپ بىرەر ئىشنى ئورۇندىغانلىقىنى(بىللە تاماقلانغانلىقى، بىرەر نەرسە سېتىۋالغانلىقى ۋەھاكازالارنى) بىلدۈرىدۇ. 发出 ۋە 点发出 لەرنىڭ خەنزۇچە لۇغەتلەردىكى تەبىرىگە ۋە بۇ سۆزلەرنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا قىلىنغان تەرجىمىسىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ تىلىمىزغا ‹‹چىقىش قىلىش››، ‹‹چىقىش نۇقتىسى›› دەپ ئېلىنىشى تازا جايىغا چۈشمىگەن. ‹‹ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى››نىڭ 156 – بېتىدە发出 نىڭ ئىككىنچى مەنىسى سۈپىتىدە ‹‹مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلانغاندا ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا مەلۇم ساھەنى باشلانما، يەنى ئاساس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ،点发出 گە كۆچمە مەنىدە ‹‹كۆزدە تۇتۇلغان ئەڭ ئاساسىي جاي، نىيەت، مەقسەت››دەپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا 1989 – يىلى نەشر قىلىنغان ئىككى توملۇق ‹‹خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت›› نىڭ 250 – بېتىدە 发出 نىڭ كۆچمە مەنىسى ‹‹كۆزدە تۇتماق، نەزەردە تۇتماق، مەسىلەن: 发出益利体整以 ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتماق›› دەپ ئىزاھلانغان، 点发出 گىمۇ كۆزدە تۇتماق، نىيەت، مەقسەت، دەپ تەبىر بېرىلگەن. مىسال ئۈچۈن 点脚落和点发出的作工切一们我 دېگەن جۈملە ‹‹خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە نىشانى...›› دەپ تەرجىمە قىلىنسا ماھىيەتلىك مەنە توغرا ئىپادىلىنىدۇ. 11) 化转果成技科، 化转源资 دېگەندەك سۆز بىرىكمىلىرى تىلىمىزغا ‹‹پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش››، ‹‹بايلىق مەنبەسىنى ئايلاندۇرۇش›› دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. خەنزۇ تىلىدا تولدۇرغۇچى يوشۇرۇن كېلىدىغان بۇنداق جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىش لازىم. مەسىلەن: ‹‹پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، بايلىقنى ئىستراتېگىيىلىك بايلىققا(ياكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى قىممەتكە) ئايلاندۇرۇش›› دېگەندەك. 12) خەنزۇ تىلىدىكى 对،于对 دېگەن ئالدى قوشۇمچىلار تىلىمىزغا كۆپۈنچە ‹‹...قارىتا،... بولغان›› دېگەن ئارقا ياردەمچى سۆز ياكى سۈپەتداش بىلەن تەرجىمە قىلىنماقتا. مەسىلەن: ‹‹پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىستىلى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا... تەربىيىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش...››، ‹‹تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنى تەڭشەش – تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش...›› ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دىن. بۇ مىساللاردىن مەلۇمكى، بىرىنچىدىن، ‹‹قارىتا››، ‹‹بولغان›› لار جايىدا ئىشلىتىلمەي، ئىستىلىستىكا جەھەتتە جۈملىنى قوپاللاشتۇرغان؛ ئىككىنچىدىن، سۆز ئىشلىتىش ئادىتىمىزگە، سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان؛ ئۈچىنچىدىن، مەنە توغرا ئىپادىلەنمىگەن. مەسىلەن: ‹‹كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تەربىيىنى كۈچەيتىش...›› دېگەن بۇ جۈملىدە مەنە كادىرلارنى ئەمەس، مەسىلىلەرنى تەربىيىلەشكە تارتقان.对 ،于对 دېگەن بۇ ئالدى قوشۇمچىلارنى جۈملىدىكى مەنىسىگە قاراپ، تىلىمىزدىكى چۈشۈم كېلىش، ئورۇن كېلىش ياكى يۆنىلىش كېلىش شەكلىدە ئېلىش لازىم ئىدى. مەسىلەن: بىرىنچى مىسالدىكىسى ‹‹... ئىستىلىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تەربىيىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش››دەپ، ئىككىنچى مىسالدىكىسى‹‹... سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش››دەپ ئېلىنسا گۈلى گۈلىگە كەلگەن بولاتتى.
4. زىچ بىرىككەن ئىسىم بىرىكمىلىرىنى ئىپادىلەشتىكى ئېۋەنلەر:1) ‹‹جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خىزمەت كومىتېتى›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. ‹‹پىئونېر›› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى ‹‹ئۆسمۈر ئاۋانگارت(ئىلغار)››دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ‹‹پىئونېر›› غا ‹‹ئاۋانگارت››نى زورلاپ قوشۇش ئارتۇقچە، ‹‹پىئونېرلار ئەترىتى›› دېيىلسىلا كۇپايە. 2)‹‹ماۋ زېدوڭ 1956 – يىلى ج ك پ 7 – نۆۋەتلىك 7 – ئومۇمىي يىغىنىدىكى بىر قېتىملىق سۆزىدە...›› ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن، ‹‹پارتىيىنىڭ 12 – قۇرۇلتىيىدا...››، ‹‹پارتىيىنىڭ 15 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. بۇ مىساللاردىكى ئىسىم بىرىكمىلىرى تولۇق مەنىسى بىلەن ئىپادىلەنمەي، خەنزۇچە شەكلىگىلا قاراپ ئۆلۈك ۋە چولتا ئىپادىلەنگەن. ئەسلى بىرىنچى جۈملە‹‹... ج ك پ 7 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 – ئومۇمىي يىغىنى...›› دەپ ئېلىنغان بولسا دەل بولاتتى، باشقىلىرىمۇ ھەم شۇنداق.
5. ئادەم، يەر ۋە تەشكىلات ناملىرىغا دائىر ئېۋەنلەر: 1) كىشى ئىسىملىرى. ‹‹خېرشېۋ قىرىمنى ئوكرائىناغا مەنسۇپ بولۇپ قالغاندا بېرىۋەتكەنمۇ؟›› ‹‹ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. بۇ مىسالدىكى كىشى ئىسمى ‹‹خروششېۋ›› دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. ‹‹تۈركىيىنىڭ زۇڭلىسى ئەردۇئان...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. (توغرىسى: ئەردۇغان). 2) ياپونىيە، چاۋشيەن – كۇرىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ كىشى ۋە يەر ناملىرىنى خەنزۇچە يېزىلىشىنى ئاساس قىلىپ يېزىش دېگەن بەلگىلىمە باردەك قىلاتتى. بىراق ھازىر بىر قىسىم گېزىتلەردە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خەنزۇچە يېزىلىشى بويىچە، يەنە بىر قىسمى ياپونچە، چاۋشيەن ھەم كۇرىيىچە ئاھاڭدا يېزىلىپ، مۇشتەرىلەرنىڭ چۈشىنىش ھەم پەرق ئېتىشىنى چالغىتماقتا. ئادەم ۋە يەر ناملىرىنىڭ ‹‹ياپونچە – ئۇيغۇرچە››، ‹‹چاۋشيەنچە – ئۇيغۇرچە›› مۇكەممەل لۇغىتى ئىشلەنمىگەن شارائىتتا، ئىلگىرىدىن ئۆز ئىگىسىنىڭ ئاتىشى بويىچە ئېلىنغان يەر ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى شۇ بويىچە ئىشلەتكەندىن باشقىلىرىنى خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچە يازغىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ. 3) تەشكىلات ناملىرى. ‹‹<ئىسلام فاتاخ> نىڭ ئادەملىرى...›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن، ‹‹بارېدە دەرياسى مۇساپىرلار لاگېرىدا <ئىسلام فاتىخ>نىڭ يارىلانغان سەككىز ئادىمى بار ئىكەن›› (توغرىسى ‹‹ئىسلام پاتاخ››). ‹‹سرىلانكىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ <تامىل يولۋاس تەشكىلاتى>...›› ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى›› دىن، ‹‹بۈگۈن <يولۋاس تەشكىلاتى> سرىلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ يەتتە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى›› ، ‹‹تۈنۈگۈن <ۋەھشىي يولۋاس> تەشكىلاتىنىڭ ئايروپىلانلىرى سرىلانكا ئارمىيىسىنىڭ بىر بازىسىنى بومباردىمان قىلدى›› ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن. (بۇ تەشكىلاتنىڭ تولۇق ھەم توغرا ئاتىلىشى: ‹‹تامىل ئىلاما ئازادلىق يولۋاسلىرى تەشكىلاتى››. ‹‹ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىساد – ھەمكارلىق تەشكىلاتى...›› ‹‹پايدىلىنىش خەۋەرلىرى››دىن. توغرىسى: ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، ئەھمەد پاسار