ئاساسىي تېما : گۇننار يارىڭنىڭ ئۇيغۇرچە پوچۇركىسىئاۋاتلىقى:301ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 173
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 173 نوقتا
پۇل : 1730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:710(سائەت)

 گۇننار يارىڭنىڭ ئۇيغۇرچە پوچۇركىسى

    گۇننار ئالفېرد يارىڭ1907-يىلى شىۋىتسىيىنىڭ جەنۇبىيدىكى سىكانىيە ئۆلكىسىنىڭ دېڭىزغا ئانچە يىراق بولمىغان ۋېكون دېگەن يېزىسىدا تۇغۇلغان.گۇننار يارىڭ ئۇتۇق قازانغان دېپلۇمات،ئابرويلۇق،كۆزگە كۆرۈنگەن شەرىقشۇناس،تىلشۇناس ئالىم.ئۇ1933-يىلى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى"ئۇيغۇر تىلى فونتېكىسى تەتقىقاتى"نەشىر قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئۇيغۇر تىلى،تارىخى،مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزچىل توپلاپ،رەتلەپ،نەشىر قىلدۇرغان.ئۇلارنى تەتقىق قىلىپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتقان.ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
1.ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى تەتقىقاتى(1933-يىلى،لۇند)
2.ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە ئۇلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈرگە ئايرىش ھەققىدە تەتقىقات(1939-يىلى)
3.ئۇيغۇر تىلى-ئىنگىلىز تىلى شىۋىلىرى لۇغىتى(1964-يىلى،لۇند)
4.گوستاف رايگۇيت ۋە<قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەپەندىگە يازغان خېتى>ھەققىدە تەتقىقات(1975-يىلى،لۇند)
5.شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ دوكىلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مىللەتشۇناسلىققا دائىر ماتىرىياللار(1979-يىلى،لۇند)
6.قەشقەرگە قايتا سەپەر(1979-يىلى،ستوكھۇلۇم؛1986-يىلى،ئامېرىكا دۇك ئۈنىۋېرسىتىتى)
7.قەشقەر ئەدەبىياتىغا دائىر ماتىرىياللار(1980-يىلى،لۇند)
8.ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇنازىرە ئەدەبىياتى توغرىسىدا خاتىرلەر(1981-يىلى،لۇند)
9.شىنجاڭدىكى يىپەك يولىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىكى يېڭى بايقاشلار توغرىسىدا قاراشلىرىم(1983-يىلى)

10.قەشقەر قول يازمىلىرى(1987-يىلى،لۇند)
11.<ئوغرى يوق شەھەر>قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات(1989-يىلى،لۇند)
12.قەشقەردىكى باسما ماتىرىياللار شىۋىتسىيە دىن تارقىتىش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى باسمىخانىسى:تارىخ ۋە باسما بويۇملار ھەققىدە ئومۇمىي بايان(1991-يىلى،ستوكھۇلۇم)
13.ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى مەدەنىيەت توقۇنىشى-شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تەسۋىرىدىكى خەنزۇ تىياتىرى(1991-يىلى،لۇند)
14.شىۋىتسىيە دۆلەت ئارخىپ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان جۇڭگۇ شىنىجاڭغا ئائىت ماتىرىياللار(1991-يىلى،ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي ژورنىلىنىڭ35-جىلىدىغا بېسىلغان)
دېمەك،يارىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە زور ئىشتىياق باغلىغان.ئۇ قەشقەرگە قىەلغان سەپىرىدە خەلق ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قول يازمىلارنى سېتىۋىلىپ،نۇرغۇنلىرىغا ئۆز قەلىمى بىلەن ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلارنى يازغان.تۆۋەندە يارىڭ ئەپەندىنىڭ بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە قوليازمىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

ئىمام جەفرى سادىق مازىرىغا ئائىت ماتىرىيالغا يېزىلغان ئىزاھات.1928-1929-يىللىرى،يەركەن


 
 
 
 ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى توپلىمىغا يېزىلغان ئىزاھات








ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى توپلىمىغا يېزىلغان ئىزاھات.يەركەن 193-يىلى


لوپنۇر بلوگى


Posted: 2009-05-03 21:18 | [پۈتۈكچى]


قىزلار سۆيۈملۈكتۇر...
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 27

پۈتۈك سانى: 2243
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2297 نوقتا
پۇل : 22970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1872(سائەت)

 

ئۇيغۇرچىنى مەندىن چىرايلىق يازىدىكەن ھەجەپ~~~

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.

Posted: 2009-05-03 22:02 | 1 -قەۋەت


 
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 449
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 449 نوقتا
پۇل : 4490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:461(سائەت)

 

ئۇيغۇرچىمۇ بۇ ئەرەپچىمۇ ؟


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-05-03 22:14 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 173
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 173 نوقتا
پۇل : 1730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:710(سائەت)

 

ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغانكەنمىز. يېزىقىمىزمۇ ئەرەپ يېزىقىنى ئاساس قىلغاندىن كېيىنمۇ نەچچە قېتىملاپ ئىسلاھ قىلىنغانىكەن.

ئۇيغۇرلار تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلار
سوغدى يىزىقى، قارۇشتى يىزىقى، مانىي يىزىقى، بىراھمى يىزىقى، ئورقۇن- يىنسەي يىزىقى، توخرى يىزىقى، ساك يىزىقى، تۈبۈت يىزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى، ئەرەب يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقى، چاغاتاي يىزىقى، لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇريىزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقى قاتارلىقلار.
Posted: 2009-05-03 22:38 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 1198
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1202 نوقتا
پۇل : 12020 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:581(سائەت)

 

ئوبدان ساقلاپتۇ جۇما بۇنى، قەغىزى شۇ پېتى تۇرۇپتۇ....

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-05-03 23:07 | 4 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 18

پۈتۈك سانى: 2433
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2469 نوقتا
پۇل : 24690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7433(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى راتنا نىڭ 2009-05-03 22:14 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئۇيغۇرچىمۇ بۇ ئەرەپچىمۇ ؟


20 نەچچىنچى يىللاردىكى يېزىقنى ھازىرقىدەك دەپ ئويلىغانما؟

To be or not to be

Posted: 2009-05-03 23:13 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 172
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 172 نوقتا
پۇل : 1720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:297(سائەت)

 

بىلمەسنىڭ ئىنكاسىغا رەخمەت مەن بۇلارنى بىلمەيىتىم ، كوچۇرۋالدىم ،رەھمەت،

ھەجەپ سېغىندىم لىنىيەنى

Posted: 2009-05-03 23:36 | 6 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 18

پۈتۈك سانى: 2433
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2469 نوقتا
پۇل : 24690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7433(سائەت)

 

ھازىر مەكتەپلەردە كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلمەمدۇ قانداق ؟؟؟

To be or not to be

Posted: 2009-05-03 23:43 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 237
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 237 نوقتا
پۇل : 2370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:368(سائەت)

 

گۇننار ئالفېرد يارىڭ....ھەجەپ تونۇشلا ئىسىمغۇ بۇ ؟  نەدە كۆرگەن بولغۇيتتىۇم ؟
ھە..........ئېسىمگە كەلدى . ئەسئەد سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق ئەسىرىدە مۇشۇ ئىسىمنى كۆرگەندەك قىلغانتىم .
Posted: 2009-05-04 10:05 | 8 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 430
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 448 نوقتا
پۇل : 4480 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:161(سائەت)

 

1930-يىللاردىكى يېزىق ئىسلاھاتىدىن كېيىن قوللانغان يېزىقىمىز  ھازىرقى يېزىقىمىز بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.لىكىن تاكى 1984-يىلىغىچە يېزىقىمىزدا <<ئۆ،ئۈ>>ھەرپلىرى يوق ئىدى ،شۇ سەۋەبلىك 1983-يىلىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا لەۋلەشكەن تۆت سۇزۇق تاۋۇشنى پەقەت «ئو، ئۇ» دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپ بىلەنلە ئىپادىلەشتەك ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىلىپ، بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرى تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. ئېلىپبە تەرتىپى يېڭىدىن بېكىتىلدى. ھەرپلەرنىڭ نامى ۋە شەكلى مۇقىملاشتۇرۇلدى. 1984-يىلىدىن ئېتىبارەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتمىز.

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-05-04 12:22 | 9 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 430
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 448 نوقتا
پۇل : 4480 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:161(سائەت)

 

ھازىر قوللىنىۋاتقان يېزىقىمىزنى(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى) <<چاغداش ئۇيغۇر يېزىقى>> دەپ ئاتايمىز.

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-05-04 12:24 | 10 -قەۋەت


گېنېراللىسسىمۇس
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 430
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 448 نوقتا
پۇل : 4480 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:161(سائەت)

 

Quote:
7 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەشنا نىڭ 2009-05-03 23:43 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ھازىر مەكتەپلەردە كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلمەمدۇ قانداق ؟؟؟

مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن دۇفۇ،بەيجۈيىلەر بىلەن توشۇپ كېتىشى مۇمكىن.

كۈن-كۈنى بار كۈننىڭ كۈنى بار ،
كۈننىڭ ئىچىدە كۈندۈز كۈنى بار .
شۇ كۈنلەر ئىچىدە ھامان بىر كۈنى ،
قاراڭغۇ - زۇلمەتنىڭ تاڭ ئاتار كۈنى بار.

Posted: 2009-05-04 12:26 | 11 -قەۋەت


ئارتۇقچە ئىناقلىق بىر مەنىسىزلىك!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 860
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 864 نوقتا
پۇل : 8640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:220(سائەت)

 

«قەشقەرگە قايتا سەپەر» دېگەن كىتابىدا ھازىرقى يېزىقىمىزدا قويغان ئىمزاسى بار.
لېكىن «ڭ» نى خاتا يېزىپ قويۇپتىكەن. شۇنداقراق ئېسىمدە.

تۇغۇلۇشۇمدىنلا مەندە بىر خىل ئۇلۇغ كۈچ_قۇدرەت بار!

Posted: 2009-05-04 14:52 | 12 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تارىخقا نەزەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation