
بۇ يىل ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىنىڭ 90 يىللىقى. ‹‹4 – ماي››ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2 – ماي چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت، ھەر ساھە ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

‹‹دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى تېزلىتىڭلار››
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئوقۇتۇشىدىكى زامانىۋى، ئالىي بۆشۈكى. خۇ جىنتاۋ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ مەكتەپ تارىخىي كۆرگەزمىسى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. خۇ جىنتاۋ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات دوسكىسى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەينى يىلى ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىق خەۋىرى بېسىلغان كونا گېزىت نۇسخىسى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى خاتىرىلەنگەن سۈرەتلەر، كلون كالا، يۇقىرى ھوسۇللۇق كۆممىقوناق قاتارلىق مەكتەپنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت ۋە بۇيۇملارنى بىر – بىرلەپ تەپسىلىي كۆردى، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، مەكتەپنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. باش شۇجى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
‹‹ئۆگەنگىنىڭلارنى ئەمەلىيەتكە باغلىيالايدىغان، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار››

ئەمەلىيەت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدىلىكى. خۇ جىنتاۋ مەكتەپنىڭ ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدىكى تەجرىبە ئوقۇتۇش مەركىزىي بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.
باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ‹‹نەزەرىيە ئوقۇتۇشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ساۋاقداشلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن پايدىلىق. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېھقانلاردىن ئۆگىنىپ ھەم ئۇلارنى سۆيۈپ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشىنى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتكە باغلىيالايدىغان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنى، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئەقىل ھەم كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
‹‹يېزا ئىگىلىكىدىكى مۇھىم، يادرولۇق تېخنىكىدا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىڭلار››
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقات مەركىزى ئېلىمىزنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ئوقۇتۇشى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم بازا. خۇ جىنتاۋ بۇ يەردىكى فۇنكسىيىلىك گېن گۇرۇپپىسى كۆزنەك تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، شال گېنىنى تەھلىل قىلىش ۋە كۆممىقوناق يۇمران باشاقلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۆلۈنۈش تەسۋىرىي سۈرىتى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.
خۇ جىنتاۋ پەن تەتقىقات خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۈچلۈك پەن – تېخنىكا تايانچىسى بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن
شوغۇللىنىدىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. كۆپچىلىكنىڭ دۇنياۋى، ئىلغار يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنى نىشانلاپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھىم، يادرولۇق تېخنىكىدا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
‹‹ساۋاقداشلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە بېرىپ چېنىقىشىنى ھەم تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››
خۇ جىنتاۋ ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولدى. باش شۇجى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ۋە سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹4 – ماي››ھەرىكىتى ئوچۇق جاكارلىغان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئامما بىرلەشكەن، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يولدا مېڭىش دېمەكتۇر. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سەپ بولۇپ، دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ماھارەت يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى دەرسخانا، ئىرادىنى تاۋلاپ، كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدىغان پېچ، تالانتنى نامايان قىلىش، يول ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى بىپايان زېمىن. ساۋاقداشلارنىڭ ئاڭلىقلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە بېرىپ تالانتىنى نامايان قىلىپ، جاپالىق مۇھىتتا چېنىقىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ، تۇنجى قەدىمىنى پۇختا بېسىپ، كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭى زېمىننى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇ جىنتاۋ مەكتەپ مەسئۇللىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتىنى چۈشىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ قىينىچلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تاپىلىدى.
‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك››
تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكتىلدى: ‹‹پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي ئېتىقاد، ئېسىل پەزىلەت، مول بىلىم، ھەممىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىدارى ئارقىلىق تارىخ يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق بىلەن بىر يولدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئۇلۇغ ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتى روھىنى جۇڭخۇانى گۇللەندۇرۇش يېڭى ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ پارلاق دەۋر نۇرىغا ئىگە قىلىش زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ‹‹4 – ماي››ھەرىكىتىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىشى، ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتى باشلامچىلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تەسەللى ھېسابلىنىدۇ.
باش شۇجى مۇنداق دېدى: ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش يولىدىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك››. ئۇ، مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى باشتىن ئاخىر ئېگىز كۆتۈرىدىغان شەرەپلىك بايراق تىرىشىپ ئۆگىنىشنى كىشىلىك ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم شوتا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈشنى يېتىلىش مۇساپىسىدىكى مۇقەررەر يول، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى تىنىمسىز ئىنتىلىدىغان ئېسىل پەزىلەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە تېخىمۇ شانلىق ياشلىق مېلودىيىسىنى ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.