
شىنخۇا تورى جەنۋە 29 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29 – ئاپرېل كەچتە جەنۋەدە يەر شارى خاراكتېرلىك چوشقا زۇكىمى سىگنال دەرىجىسىنى نۆۋەتتىكى تۆتىنچى دەرىجىدىن بەشىنچى دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى Margaret Chan شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا : ‹‹ مەن يەر شارى خاراكتېرلىك چوشقا زۇكىمى سىگنال دەرىجىسىنى تۆتىنچى دەرىجىدىن بەشىنچى دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدىم ›› دېدى . ئۇ يەنە ، بارلىق دۆلەتلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، تارقىلىشچان زۇكامغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تەييارلىشى كېرەك . گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەرگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرى تارىختىن بۇيان شۇنداق ياخشى ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ناھايىتى تېز ئەۋج ئالدى ، شۇڭا چوقۇم ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك ، دېدى .
ئۇ يەنە : نۆۋەتتە ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چوشقا زۇكىمىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلىرى يېتىشمەيدۇ ، شۇڭا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج . يەنە شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارىدىكى دورا ياساش كەسپىدىكىلەر چوشقا زۇكىمىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك ، دېدى .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چوشقا زۇكىمى سىگنال دەرىجىسى جەمئىي ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ ، بۇنىڭ بەشىنچى دەرىجىسى ئوخشاش بىر خىل تىپتىكى چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئوخشاش بىر رايوندا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى دۆلەت كىشىلىرى ئارىسىدا تارقىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۈزلۈكسىزلىك يۇقۇم ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يامراشقا باشلىغاندىن كېيىن ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈچ كۈن ئىچىدە چوشقا زۇكىمىنىڭ سىگنال دەرىجىسىنى ئىككىنچى قېتىم يۇقىرى كۆتۈرگەن . 27 – ئاپرېل كەچتە ، Margaret Chan دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋال كومىتېتىنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ، چوشقا زۇكىمىنىڭ سىگنال دەرىجىسىنى ئۈچىنچى دەرىجىدىن تۆتىنچى دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، يەر شارىدىكى توققۇز دۆلەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئۆز دۆلەتلىرىدە چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالغانلىقىنى دوكلات قىلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ، مېكسىكا ۋە ئامېرىكا چوشقا زۇكىمى بىلەن قازا قىلغانلار بارلىقىنى دوكلات قىلغان .