ئاساسىي تېما : يەھۇدى مال ساتقۇچىنىڭ تەكلىپىئاۋاتلىقى:177ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئارتۇقچە ئىناقلىق بىر مەنىسىزلىك!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 860
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 864 نوقتا
پۇل : 8640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:220(سائەت)

 يەھۇدى مال ساتقۇچىنىڭ تەكلىپى

    تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ خوجايىنى مال ساتقۇچىدىن سوراپتۇ:
    __بۈگۈن قانچە خېرىدارنى رازى قىلدىڭ؟
    __بىر خېرىدارنى!
    __نېمە؟ ئارانلا بىرما؟ئۇنداقتا قانچىلىك سودا قىلدىڭ؟
    __  58مىڭ334دوللارلىق.
    خوجايىن بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ،سەۋەبىنى سوراپتۇ.
    __ئۇ خېرىدارغا ئالدى بىلەن بىر قارماق سېتىپ بەردىم،__دەپتۇ مال ساتقۇچى،__ئاندىن قارماق سېپى ۋە قارماق يىپىنى ساتتىم.
ئاندىن ئۇنىڭدىن نەگە بېرىپ بېلىق تۇتماقچى ئىكەنلىكىنى سورىسام،ئۇ دېڭىز ساھىلىغا بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.مەن ئۇنىڭغا
دېڭىز ساھىلىدا بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بىر دانە كاتېر بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ بەردىم. بۇنىڭ
بىلەن ئۇ كاتېردىن بىرنى سېتىۋالدى.ئۇ بۇ كاتېرنى پىكاپ بىلەن دېڭىز ساھىلىغا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ
قېلىۋىدى،مەن دەرھال ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇنىڭغا فورت ماركىلىق كوزۇپلۇق ئاپتوموبىلدىن بىرنى
سېتىپ بەردىم.
    __پاھ،بىر دانە قارماق ئېلىشقا كىرگەن خېرىدارغا مۇشۇنچىۋالا كۆپ نەرسىنى ساتالىدىڭما؟__دەپ سوراپتۇ خوجايىن ھەيران
بولۇپ.
    مال ساتقۇچى جاۋاب بېرىپ شۇنداق دەپتۇ:
    __ياق، قارماق ئالغىلى كىرمەپتىكەن،ئۇ ئەسلىدە بېشى ئاغرىپ كەتكەن ئايالىغا ئاسپىرىن ئالىمەن دەپ كەپتىكەن.مەن ئۇنىڭغا
ئايالىڭىزنىڭ بېشى ئاغرىپ قالغان بولسا،دورا ئىچكەندىن باشقا يەنە ھاۋالىق يەرگە بېرىپ سەگىدەپ كەلسە بولغۇدەك،قاراڭە،ھەپتە
ئاخىرىمۇ بولۇپ قاپتۇ،شۇڭا ئايالىڭىزنى دېڭىز ساھىلىغا بېلىق تۇتقىلى ئاپارسىڭىز بولامدۇ_قانداق،دەپ تەكلىپ بەرگەنىدىم.

**************
بىرەر ئىشنى ھەرگىز قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلاپ قالما،ئالدى بىلەن قىلالايمەن دەپ ئۇرۇنۇپ باق،ئاخىرىدا ھەقىقەتەن
قىلالايدىغانلىقىڭنى بايقايسەن.

تۇغۇلۇشۇمدىنلا مەندە بىر خىل ئۇلۇغ كۈچ_قۇدرەت بار!

Posted: 2009-04-30 13:03 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 172
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 172 نوقتا
پۇل : 1720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:297(سائەت)

 

سودا دىگەننى مۇنداق قىلمامدۇ

ھەجەپ سېغىندىم لىنىيەنى

Posted: 2009-04-30 15:28 | 1 -قەۋەت


بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى  بىردىن بىر ۋەزىپىمىزمەغلۇبىيە ..
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 204
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 206 نوقتا
پۇل : 2060 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:368(سائەت)

 

خۇددى ھىلىقى ئابىلىمىت تۇرسۇننىڭ ئېپىزودىدىكىدەك«تازلىق قەغىزى يوقتى،قۇمقەغەز بولسىمۇ بولامدۇ»دىگەندەك.
Posted: 2009-05-02 19:58 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation