5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر- ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى 6- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك " قەشقەر سودا يەرمەنكىسى" دە ماشىنسازلىق- ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى، خەۋرلىشىش سايمانلىرى، رەڭلىك مېتال، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقلىرى، مىللىي ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەر مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ يەرمەنكە مەزگىلىدە yanfunجۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يىغىنى، كارخانا ھەمكارلىق يىغىنى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر سۆھبەت يىغىنى، سودىگەر- مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش ۋە سودا كېڭىشى، ئىچكى، تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
5- نۆۋەتلىك " قەشقەر سودا يەرمەنكىسى" ئېچىلىشتىن ئاۋۋال، تەشكىلىي كومىتېتى يەنە ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردە تاۋار يەرمەنكىسى، سودىگەر ۋە كۆزگەزمىگە جەلپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.