شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپراتورا قىزغۇچ سېرىق ئاگاھلاندۇرۇشى كۆرۈلدى، تۇرپاننىڭ تېمپراتورىسى 45 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى

33 2011-07-12 13:27:19   تېڭشۈن تورى   ياسىنجان
T|T:خەت رەزمىرى
      جوڭشىن تورى ئۈرۈمچى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلگىراممىسى(مۇخبىر تاۋ چۈەنكې) شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇنداق كۆرسەتتى، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ يىلقى ياز كىرگەندىن بۇيانقى كۈچلۈك تېمپراتورا ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، يۇقىرى تېمپراتورا قىزغۇچ سېرىق ئاگاھلاندۇرۇشى بۈگۈن كۈندۈزدىن ئەتىگىچە.
      7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېمپراتورا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدۇ، يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىلىرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، 13-چېسلا كۈندۈزى شىنجاڭنىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپراتورا كۆرۈلىدۇ، بايىنموڭغۇل ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىي قىسىمى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرى تېغىنى بويلىغان بىر قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ بارىدۇ، تۇرپاننىڭ توقسۇن، پىچان قاتارلىق جايلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تېمپراتورا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ.
      14-چېسلا، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىدا تېپراتورا ئازراق تۆۋەنلىگەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپراتورا 15 كۈن داۋام قىلىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئىدارىلىرى خەلق ئاممىسىغا كەلگۈسى ئىككى ئۈچ كۈن تېمپراتورىنىڭ يۇقىرىلايدىغانلىقى، كۆپ قىسىم رايۇنلار ياز كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپراتورا ھالىتىگە  كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى، يەنە خەلق ئاممىسىنى يۇقىرى تېمپراتورا مەزگىلىدە ئامال بار سرتقى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش، يۇقىرى تېمپراتورا شارائىتىدا مەشغۇلات قىلىدىغانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش توغرىسىدا ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ھەددىدىن يۇقىرى بولۇش، ھەمدە ئېلىكتىر سىمى، ترانسفورماتور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە توك توشۇش مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىق ئىشلارغا دېققەت قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئەسكەرتتى.
      مېتېئورولوگىيە مۇتەخخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تېمپراتورا يۇقىرى، ھاۋا قۇرغاق،ئورمان ۋە يايلاقلاردا ئوت كېتىش خەۋىپىنىڭ ئېھتىماللىق يۇقىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خەلق ئاممىسى ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دېققەت قىلىشى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博