28 – فېۋرالدىن 1 – مارتقىچە ، شىنجاڭدا تۆت قېتىم يېنىك دەرىجىدە يەر تەۋرىدى . 28 – فېۋرال ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رېتۇ ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىرا ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدا 4.3 بال يەر تەۋرىگەن ، ئارقىدىن يەنە چىرا ناھىيىسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىگەن ؛ شۇ كۈنى يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كېرىيە ناھىيىسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رېتۇ ناھىيىسى چېگرىسىدا 4.0 بال يەر تەۋرىگەن ، 1 – مارت 13 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 4.0 بال يەر تەۋرىگەن . بۇ تۆت قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ ، ھازىرغىچە ئۆلۈش يارىلىنىش ، مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىگەن .
شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش پونكىتىنىڭ تورىنىڭ دەسلەپكى ئۆلچەش نەتىجىسىگە قارىغاندا ، 28 – فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16 دىن 43 مىنۇت 34.7 سىكۇنت ئۆتكەندە ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالى رايونى رىتۇ ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدا4. بال يەر تەۋرىگەن . يەر تەۋرەش شىمالىي كەڭلىك 35.3 گرادۇس بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.3 گرادۇستا يۈز بەرگەن ، كوئىنلۇن تېغى رايونىغا جايلاشقان ، چىرا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان yanfunئارىلىقى 200 كىلومىېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن . چىرا ناھىيىسى شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇبتا كوئىنلۇن تېغى بىلەن چېگرىلىنىدۇ ، شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتۇشىدۇ .
ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ ، ئاساسەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاستلىرىغا تارقالغان . ھەر يىلى 4 بالدىن يوقىرى بولغان يەر تەۋرەش يۈز قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بېرىدۇ ، يېنىك تىپتىكى يەر تەۋرەشنىڭ سانى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ . يېقىندا نۇرغۇن قېتىم يىنىك دەرىجىدە يەر تەۋرەش يۈز بەردى ، ئەمما كۆپچىلىك بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ .