ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھانىسىدا تولۇق نۇمۇر ئالغان پەخىرىيە ئەشرەپ

1783 2011-06-29 13:11:39   ئۈرۈمچى لىنىيەسى تورى   ياسىنجان
T|T:خەت رەزمىرى

         بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر قىزى پەخىرىيە ئەشرەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا 711 نۇمۇر ،ماتېماتىكا ئىمتىھانىسىدا تۇلۇق نومۇر يەنى 150 نۇمۇر ئالغان.
        ئەلىيۇل ئەلا ھەمدە ھەممەيلەننىڭ پەخىرى بولغان پەخىرىيە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بۇلۇش ئارزۇسىنى يازغان بولۇپ، ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۈتىۋاتىدۇ.
        پەخرىيە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان بولۇپ، تۇلۇق ئوتتۇرا 3-يىللىققا چىققاندا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋىسىيەسى بىلەن ئەدەبىيات ۋە ئېنگىلىزتىلى دەرىسىنى خەنزۇ سىنىپتا، ئۇنىۋېرسال دەرىسنى ئەسىلىدىكى قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان. مەكتەپ مەخسۇس پەخىرىيە ئۈچۈن ئىككى سىنىپنىڭ دەرس جەدىۋىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتكەن.
        بۇ قېتىم پەخىرىيە ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرسال پەن ئىمتىھانىسىدا خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش سۇئالدا ئىمتىھاان بەرگەن، تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىسىنى ئانا تىلىدا يەنى  ئۇيغۇر تىلىدا بەرگەن، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇتىلى ئىمتىھانىسىغا قاتناشقان بولۇپ ئېنگىلىزتىلى ئىمتىھانىسى بەرمىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博