تۇرپاندا 10 بال بوران چىقىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى

339 2012-04-23 11:18:32   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭگو رادىئو تورى ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى: شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىدە 10 بال بوران چىقىپ، كۆپلىگەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى، شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.
   4-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 9 دىن باشلاپ، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىدە  بورانلىق ھاۋارايى كۈرۈلۈپ، شەھەر ئىچىدە شامال كۈچى 10 بالغا يەتتى، بوراننىڭ تەسىرىدە، شەھەر ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايغا ئوت كەتتى. نۆۋەتتە، تۇرپان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئوت ئۈچۈرۈش تارماق ئەترىتى 10 قېتىم ئوت كېتىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۋالدى،  ھەمدە 7 ئوت ئۈچۈرۈش ماشىنىسى ۋە 30 نەچچە ئوت ئۈچۈرۈش ئوفېتسىرنى ئەۋەتتى. بارلىق خادىملار ئوت ئۆچۈرۈش كۈرىشىگە قاتناشتى.

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇرپان مۇھىت تازىلىقى ۋە ئايرۇدروم ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشتى. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈش سائەت 1 دە، تۇرپان شەھىرى قۇم ساناتۇرىيىسىدىكى ئوت كەتكەن جايدا كۆپلىگەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە زەنجىرسىمان ئوت تۇتىشىپ كەتتى، شۇ يەردىكى  ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرمەكتە.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博