جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شۇ جاي ۋاقتى 11 – ئاپرېلدىن 16 – ئاپرىلغىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى. جېففىرسۇن شەھىرىدىكى مىسسۇرى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسىدا نۇر بەكرى ئىشتات باشلىقى جېلوم نېكسون بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد – سودا، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، مائارىپ، ئېنېرگىيە ۋە پەن – تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ قاتلاملىق ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.
ۋەكىللەر ئۆمىدىكىدىلەر ئامېرىكىدىكى مەزگىلدە جۇڭگونىڭ لوس – ئانژېلىستىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى چيۇ شاۋفاڭ، مۇئاۋىن باش كونسۇلى بيەن لىشىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى شۇنداقلا شۇ جايدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن دوستلىشىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى 12 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى نۇر بەكرى بىلەن جېلوم نېكسون كەڭ كۇشادە ۋە ئىجادىي تۈردە سۆھبەتلەشتى.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 7 - ئايدا جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان باش ئىشتابى مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى بادىي ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش توغرىسىدا ھەمكارلاشتى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، خىزمەتلەردە مول ۋە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جېروم نېكسون ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.